Please log in to access this page.
Please log in to access this page.
Please log in to access this page.
Please log in to access this page.
Please log in to access this page.
Please log in to access this page.
Please log in to access this page.
Please log in to access this page.
Please log in to access this page.
Please log in to access this page.
Please log in to access this page.

US Agency for Global Media USAGM

News and Information from Around the World

63 Items
28 Aug 2026, 20:06 GMT تاھىر ئىزگىل

”خىتاي كۈندىلىك گېزىتى“ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ”2026 خىتاي بىلەن ئۇچرىشىش- شىنجاڭ بىلەن ئۇچرىشىش» ناملىق مەزكۇر پائالىيەتكە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا، ھىندىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق 13 دۆلەتتىن كەلگەن 16 چەت ئەللىك ژۇرنالىست، مۇتەخەسسىس، تور چولپىنى ۋە Z ئەۋلاد (رەقەملىك ئۇچۇر دەۋرىگە تەۋە ياشلار-ئۆسمۈرلەر) ۋەكىللىرى قاتناشقان. ئۇلار خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچى، سانجى قاتارلىق جايلاردا يەتتە كۈنلۈك زىيارەت ئېلىپ بارىدىكەن. خىتاي تەرەپ بۇ زىيارەت ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ «سانائەت ھاياتىي كۈچى، ئىنسانىي ئىللىقلىقى ۋە ئېچىۋېتىلگەن قىياپىتى»نى دۇنياغا كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. زىيارەت پروگراممىسىغا ساياھەت نۇقتىلىرى، كارخانىلار، مەدەنىيەت ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، يېزا-كەنت تەرەققىيات تۈرلىرى قاتارلىق ئالدىن تاللانغان ئورۇنلار كىرگۈزۈلگەن. ”خىتاي كۈندىلىك گېزىتى“نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل خەلقئارالىق تاراتقۇ زىيارىتى 2021-يىلى باشلانغاندىن بۇيان بەش قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 40 تىن ئارتۇق دۆلەتتىن يۈزلىگەن چەت ئەللىك قاتناشقۇچى تەكلىپ قىلىنغان ۋە 10 مىڭدىن ئارتۇق تاراتقۇ مەھسۇلاتى تارقىتىلغان. ھالبۇكى، ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل زىيارەتلەردە چەت ئەللىك مېھمانلار كۆرىدىغان ئورۇن ۋە ئۇچرىشىدىغان كىشىلەرنى قاتتىق كونترول قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر ۋە ب د ت ئىنسان ھەقلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ رايوندا ئەركىن ۋە چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويماي كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللىك ژۇرنالىست، دىپلومات ۋە تور داڭلىقلىرىنى زىيارەتكە تەشكىللىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق، دىنىي ۋە مەدەنىي باستۇرۇش قاتارلىق ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدىكى خەلقئارا تەنقىدلەرگە قارشى «نورمال ۋە گۈللەنگەن شىنجاڭ» ئوبرازىنى يارىتىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارالماقتا.

Download options
28 Aug 2026, 19:34 GMT تاھىر ئىزگىل

2026-يىللىق ”گراسىيېلا فېرناندېز مېيخىدې Fernández Meijide Graciela ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلار مۇكاپاتى“نى تارقىتىش مۇراسىمى 23-ئاۋغۇست بۇئېنوس ئايرېستا ئۆتكۈزۈلدى. ئارگېنتىنادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى ”لاتىن ئامېرىكىسىنى ئېچىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مەركىزى“ (CADAL) تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان بۇ مۇكاپاتقا بۇيىل فېۋرالدا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچى، يازغۇچى ۋە مۇھەررىر يالقۇن روزىنىڭ ئېرىشكەنلىكى ئېلان قىلىنغانىدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى»نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، شۇنداقلا ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەركىزىنىڭ رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا قاتارلىقلار مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، يالقۇن روزىنىڭ ئائىلىسىگە ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالدى. دوكتور رىشات ئابباس مۇكاپاتنى قوبۇل قىلىش نۇتقى سۆزلىدى. كادال تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مۇكاپات سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۈرمىگە تاشلانغان، ئەمما خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يېتەرلىك دىققىتىگە ئېرىشەلمىگەن شەخسلەرگە بولغان دىققەتنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن. 2026-يىلى بۇ مۇكاپاتنىڭ تاللاش دائىرىسى تۇنجى قېتىم لاتىن ئامېرىكىسىدىن پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيتىلگەن. بۇ يىللىق مۇكاپاتقا يالقۇن زورىدىن باشقا يەنە ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى ۋە شىمالىي كورېيەدىن بولغان سىياسىي مەھبۇسلارمۇ ئېرىشكەن. باھالاش ھەيئىتى يالقۇن روزىنىڭ دېلوسىنى «زوراۋانلىقسىز مەدەنىيەت تەشەببۇسى»نىڭ باستۇرۇلۇشىنى نامايان قىلىدىغان بىر مىسال، دەپ قارىغان. يالقۇن روزى ئىلگىرى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىدا خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئۇزۇن يىل ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك نەشرىيات ۋە مائارىپ خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، شۇنداقلا كۆپلىگەن ئۇيغۇرچە دەرسلىك ۋە ئوقۇشلۇقلارنى تۈزۈش ۋە تەھرىرلەشكە قاتناشقان. ئۇ 2016-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، 2018-يىلى خىتاي سوتى تەرىپىدىن «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ”گراسىيېلا فېرناندېز مېيخىدې ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلار مۇكاپاتى“ 2023-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئارگېنتىنالىق مەشھۇر ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى گراسىيېلا فېرناندېز مېيخىدېنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. 1976-يىلى ئارگېنتىنادا ھەربىي دىكتاتۇر ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە ئۇنىڭ ئوغلى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۇزۇن يىل ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.

Download options
28 Aug 2026, 19:18 GMT تاھىر ئىزگىل

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەر.

Download Video
RFA logo
Video
Credit: تاھىر ئىزگىل
28 Aug 2026, 19:18 GMT تاھىر ئىزگىل

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەر.

Download original audio
RFA logo
Audio
Credit: تاھىر ئىزگىل
28 Aug 2026, 19:18 GMT تاھىر ئىزگىل

خىتاي تۈرمىسىدىكى ئوبزورچى يالقۇن روزى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى 2026-يىللىق ”گراسىيېلا فېرناندېز مېيخىدې Fernández Meijide Graciela ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلار مۇكاپاتى“نى تارقىتىش مۇراسىمى 23-ئاۋغۇست بۇئېنوس ئايرېستا ئۆتكۈزۈلدى. ئارگېنتىنادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى ”لاتىن ئامېرىكىسىنى ئېچىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مەركىزى“ (CADAL) تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان بۇ مۇكاپاتقا بۇيىل فېۋرالدا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچى، يازغۇچى ۋە مۇھەررىر يالقۇن روزىنىڭ ئېرىشكەنلىكى ئېلان قىلىنغانىدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى»نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، شۇنداقلا ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەركىزىنىڭ رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا قاتارلىقلار مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، يالقۇن روزىنىڭ ئائىلىسىگە ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالدى. دوكتور رىشات ئابباس مۇكاپاتنى قوبۇل قىلىش نۇتقى سۆزلىدى. كادال تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مۇكاپات سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۈرمىگە تاشلانغان، ئەمما خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يېتەرلىك دىققىتىگە ئېرىشەلمىگەن شەخسلەرگە بولغان دىققەتنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن. 2026-يىلى بۇ مۇكاپاتنىڭ تاللاش دائىرىسى تۇنجى قېتىم لاتىن ئامېرىكىسىدىن پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيتىلگەن. بۇ يىللىق مۇكاپاتقا يالقۇن زورىدىن باشقا يەنە ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى ۋە شىمالىي كورېيەدىن بولغان سىياسىي مەھبۇسلارمۇ ئېرىشكەن. باھالاش ھەيئىتى يالقۇن روزىنىڭ دېلوسىنى «زوراۋانلىقسىز مەدەنىيەت تەشەببۇسى»نىڭ باستۇرۇلۇشىنى نامايان قىلىدىغان بىر مىسال، دەپ قارىغان. يالقۇن روزى ئىلگىرى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىدا خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئۇزۇن يىل ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك نەشرىيات ۋە مائارىپ خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، شۇنداقلا كۆپلىگەن ئۇيغۇرچە دەرسلىك ۋە ئوقۇشلۇقلارنى تۈزۈش ۋە تەھرىرلەشكە قاتناشقان. ئۇ 2016-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، 2018-يىلى خىتاي سوتى تەرىپىدىن «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ”گراسىيېلا فېرناندېز مېيخىدې ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلار مۇكاپاتى“ 2023-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئارگېنتىنالىق مەشھۇر ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى گراسىيېلا فېرناندېز مېيخىدېنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. 1976-يىلى ئارگېنتىنادا ھەربىي دىكتاتۇر ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە ئۇنىڭ ئوغلى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۇزۇن يىل ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. خىتاي دائىرىلىرى چەت ئەللىك تاراتقۇ خادىملىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە تەشكىللىدى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللىك ژۇرنالىست ۋە تەسىرى بار تورچىلارنى شەرقىي تۈركىستانغا تەشكىللىك زىيارەتكە ئېلىپ بېرىش پائالىيىتى 25-ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە باشلانغان. ”خىتاي كۈندىلىك گېزىتى“ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ”2026 خىتاي بىلەن ئۇچرىشىش- شىنجاڭ بىلەن ئۇچرىشىش» ناملىق مەزكۇر پائالىيەتكە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا، ھىندىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق 13 دۆلەتتىن كەلگەن 16 چەت ئەللىك ژۇرنالىست، مۇتەخەسسىس، تور چولپىنى ۋە Z ئەۋلاد (رەقەملىك ئۇچۇر دەۋرىگە تەۋە ياشلار-ئۆسمۈرلەر) ۋەكىللىرى قاتناشقان. ئۇلار خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچى، سانجى قاتارلىق جايلاردا يەتتە كۈنلۈك زىيارەت ئېلىپ بارىدىكەن. خىتاي تەرەپ بۇ زىيارەت ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ «سانائەت ھاياتىي كۈچى، ئىنسانىي ئىللىقلىقى ۋە ئېچىۋېتىلگەن قىياپىتى»نى دۇنياغا كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. زىيارەت پروگراممىسىغا ساياھەت نۇقتىلىرى، كارخانىلار، مەدەنىيەت ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، يېزا-كەنت تەرەققىيات تۈرلىرى قاتارلىق ئالدىن تاللانغان ئورۇنلار كىرگۈزۈلگەن. ”خىتاي كۈندىلىك گېزىتى“نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل خەلقئارالىق تاراتقۇ زىيارىتى 2021-يىلى باشلانغاندىن بۇيان بەش قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 40 تىن ئارتۇق دۆلەتتىن يۈزلىگەن چەت ئەللىك قاتناشقۇچى تەكلىپ قىلىنغان ۋە 10 مىڭدىن ئارتۇق تاراتقۇ مەھسۇلاتى تارقىتىلغان. ھالبۇكى، ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل زىيارەتلەردە چەت ئەللىك مېھمانلار كۆرىدىغان ئورۇن ۋە ئۇچرىشىدىغان كىشىلەرنى قاتتىق كونترول قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر ۋە ب د ت ئىنسان ھەقلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ رايوندا ئەركىن ۋە چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويماي كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللىك ژۇرنالىست، دىپلومات ۋە تور داڭلىقلىرىنى زىيارەتكە تەشكىللىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق، دىنىي ۋە مەدەنىي باستۇرۇش قاتارلىق ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدىكى خەلقئارا تەنقىدلەرگە قارشى «نورمال ۋە گۈللەنگەن شىنجاڭ» ئوبرازىنى يارىتىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارالماقتا. ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مەھەللە ئويۇنلىرى پائالىيىتىگە مىڭلارچە بالا قاتناشتى ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمە رايونىدا 3-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مەھەللە ئويۇنلىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر پەرزەنتى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ باشقا تۈرلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بۇ پائالىيەت مارشال فەۋزى چاقماق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ قورۇسىدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە دائىر قامۇس ۋە باشقا مەنبەلەردىن تاللانغان 32 خىل ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنى نامايەن قىلىندى. تەشكىللىگۈچىلەر بۇ 32 خىل ئويۇننى 60 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشقا ئالدىن ئۆگەتكەن بولۇپ، ئۇلار پائالىيەت كۈنى بۇ ئويۇنلارنى بالىلارغا ئۆگەتتى ۋە بىللە ئوينىدى. نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر رادىيومىز زىيارىتىدە قىلغان سۆزىدە، بۇ پائالىيەتنىڭ پەقەت بالىلارنىڭ كۆڭۈللۈك ئوينىشىنىلا مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى، بەلكى مۇھاجىرەتتە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئانا تىلى، مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكى بىلەن بولغان باغلىنىشىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى يوقىتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، چەت ئەللەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى «ئاسسىمىلياتسىيەگە قارشى كۈرەشنىڭ بىر قىسمى» دەپ تەسۋىرلىدى. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇساجان ئەر ئۆز ۋەتىنىدىن يىراقتا تۇغۇلغان ياكى ئۆسۈۋاتقان بۇ بالىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇشىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئۇلارنى ئۆز تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە قىممەت قاراشلىرى بىلەن باغلاشقا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ پائالىيەتتە بالىلار مەھەللە ئويۇنلىرىنى ئويناشتىن باشقا يەنە مىللىي كىيىم-كېچەك، ئېغىز ئەدەبىياتى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە ئەنئەنىۋى غىزا-تائام قاتارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئوخشىمىغان ئامىللىرى بىلەنمۇ تونۇشتى. بۇ پائالىيەت تۈركىيەدىكى بىر قىسىم غوللۇق ئاخبارات ۋاسىتىلرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، س ن ن تۈرك، ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى، ھۆرىيەت گېزىتى قاتارلىقلار بۇ پائالىيەت ھەققىدە مەخسۇس خەۋەرلەرنى ئىشلىدى. پاترىك پۇن: خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلغان توكيودا تۇرۇشلۇق ئىنسان ھەقلىرى تەتقىقاتچىسى ۋە ئەركىن ژۇرنالىست پاترىك پۇن (Patrick Poon) يېقىندا ”ئاسىيا كاتولىك ئىتتىپاقى خەۋەرلىرى“ ( (UCA Newsتورىدا ”خىتاي ’تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش‘نى ئۇيغۇرلارغا قانداق قاراتتى؟“ ناملىق يېڭى ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ماقالىدا 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى 25 يىللىق جەريان ئانالىز قىلىنىپ، ماقالىدە بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش شۇئارىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادى، مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىنى قانداق سىستېمىلىق يوقىتىشقا ئۇرۇنغانلىقى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش ”تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك“تىن ئىبارەت ”ئۈچ خىل كۈچ“كە قارشى تۇرۇش باھانىسىدا بىر قاتار قانۇن-نىزاملارنى يولغا قويغان. بولۇپمۇ 2015-يىلدىكى ”تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى“ ۋە يېقىندا يولغا قويۇلغان ”مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى“ ئارقىلىق، ئادەتتىكى دىنىي پائالىيەتلەر ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەر جىنايەتكە ئايلاندۇرۇلغان. مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان پروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ دېلوسى بېيجىڭنىڭ ئاتالمىش ”ئىتتىپاقلىق“ شۇئارى بىلەن ئەمەلىيەتتىكى باستۇرۇش سىياسىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ئېنىق ئىسپاتى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن. ماقالىدە بىر قاتار گۇۋاھچىلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنىڭ باياناتلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن. ”ئۇيغۇر ھەرىكىتى“ تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرىكتورى روشەن ئابباس ۋە ژۇرنالىست گۈلچېھرە خوجىلار ئۆز ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ھېچبىر جىنايەتىسىز ئەھۋالدا ”تېررورچىلار تىزىملىكى“گە كىرگۈزۈلۈپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان؛ پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقلىقلىرىنىڭ تېررورلۇق ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكىچىل ھۆكۈمرانلىققا قارشى ئىنكاس ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ تىلشۇناس ۋە يازغۇچى ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئايرىم جىنايى قىلمىشلارنى پۈتۈن بىر مىللەتكە ئارتىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن؛ شائىر ۋە تەتقىقاتچى ئەزىز ئىسا ئەلكۇن ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى يالقۇن ئۇلۇغيول خىتاينىڭ بۇ خىل باستۇرۇشلار ئارقىلىق ھەقىقىي ئىتتىپاقلىققا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، مەسىلىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە كىملىكى بىلەن ياشاش ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىلا يېشىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ماقالىنىڭ خۇلاسىسىدە پاترىك پۇن خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ ”بىخەتەرلىك“ ۋە ”ئىتتىپاقلىق“ باھانىسى بىلەن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە قارىتا جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى. ئەزەربەيجان قارا تىزىملىكتىكى خىتاي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تىرىشماقتا ئەزەربەيجان ئىقتىساد مىنىستىرلىقى 13-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، ئىقتىساد مىنىستىرى مىكايىل جابباروف (Mikayil Jabbarov) نىڭ شىنجاڭ جوڭخې (Xinjiang Joinworld) شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ما بىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئىككى تەرەپ ئاليۇمىن ۋە مېتاللورگىيە ساھەسىدە بىرلەشمە تۈرلەرنى يولغا قويۇش، سانائەت ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش، تېخنىكا ۋە كەسپىي تەجرىبە ئالماشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان. باياناتتا مەبلەغ سوممىسى تىلغا ئېلىنمىغان، شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىمۇ بىلدۈرۈلمىگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2024-يىلى نويابىردا شىنجاڭ جوڭخې شىركىتىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى بويىچە قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، بۇ شىركەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مىللەتلەرنىڭ ئەزالىرىنى «قوبۇل قىلىش، توشۇش، يۆتكەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش» قا قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىزچىل رەت قىلىپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىروگراممىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىدىن ئىبارەت، دەپ تەسۋىرلەپ كەلگەن، شۇنداقلا ئامېرىكانى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ خىتاي كارخانىلىرىنى بېسىش بىلەن ئەيىبلىگەن. ھازىرغىچە ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭ جوڭخې شىركىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن خەۋەردار ياكى ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا بۇ شىركەت بىلەن ھەمكارلىقنى ئويلاشقاندا مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك تەمىنلەش زەنجىرى بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان-بارمىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى. 11-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئەرەبچە كىتاب يەرمەنكىسىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى ئىستانبۇلنىڭ يېنىكاپى رايونىدىكى ياۋرو-ئاسىيا كۆرگەزمە ۋە سەنئەت مەركىزىدە 15-ئاۋغۇست باشلانغان 11-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئەرەبچە كىتاب يەرمەنكىسى 23-ئاۋغۇست ئاخىرلاشتى. يەرمەنكىگە 60 قا يېقىن دۆلەتتىن 300 دىن ئارتۇق نەشرىياتچى قاتناشتى. يەرمەنكىدە تۈركىستانىي كۇتۇپخانىسى مەخسۇس ئورۇن ئېلىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار 58 تۈرلۈك كىتابنى كۆرگەزمىگە قويدى. تۈركىستانىي كۇتۇپخانىسنىڭ مەسئۇلى ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇننىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرىشىچە، كۆرگەزمە جەريانىدا، كۆپلىگەن كىتابلار سېتىلغان ھەمدە بىر قىسىم كىتابلار زىيارەتچىلەرگە ھەدىيە قىلىنغان. يەرمەنكە جەريانىدا، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاساس قىلغان ئۈچ قېتىملىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى: يەرمەنكىنىڭ تۇنجى كۈنى كەچتىكى بىرىنجى سۆھبەت يىغىنىغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ساھىبخانلىق قىلدى. يىغىندا ئۇيغۇر ئۆلىمالار ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئىككىنچى سۆھبەت يىغىنى ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، شەرقىي تۈركىستان دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 21-ئاۋغۇست كەچتە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۈچىنجى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا بىر قىسىم ژۇرنالىستلار سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى تەكىتلىدى. ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى يەنە يەرمەنكە جەريانىدا كۆپلىگەن ئۆلىما، ئاكادېمىك ۋە ژۇرنالىستلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئاممىغا ئاڭلاتتى ھەمدە بىر قىسىم دىپلومات ۋە ئۆلىمالارغا خاتىرە ھەدىيەلىرى تەقدىم قىلدى. ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇننىڭ دېيىشىچە، تۈركىستانىي كۇتۇبخانىسى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئۇستاز رەھمىتۇللا تۈركىستانىينىڭ يىتەكچىلىكىدە سەئۇدىي ئەرەبىستاندا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئەرەپچە، ئىنگلىزچە، تۈركچە، ئۇيغۇرچە ۋە باشقا تىللاردىكى 30 مىڭدىن ئارتۇق كىتاب يىغىلغان. ئىككى يىل ئاۋال بۇ كۇتۇبخانا ئىستانبۇلغا يۆتكەپ كېلىنگەن. يېڭى كىتاب «شىنجاڭ تەرتىپى»دە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكى پاش قىلىندى ئاتاقلىق ئىنسان ھەقلىرى تەكشۈرگۈچىسى ۋە يازغۇچى ئىتان گۇتمان Ethan Gutmann نىڭ يېڭىدىن نەشر قىلىنغان «شىنجاڭ تەرتىپى» (The Xinjiang Procedure) ناملىق كىتابىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلاردا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىستېمىلىق زۇلۇملىرى ۋە سانائەت كۆلىمىدىكى مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىش جىنايىتىنى ئىنتايىن دەھشەتلىك پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كىتابتا ئېيتىلىشىچە، «شىنجاڭ تەرتىپى» دەپ ئاتالغان جەريان خىتاي ئوپېراتسىيە دوختۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ يۈرىكى يەنىلا سوقۇۋاتقان پېتى ئىچكى ئەزالىرىنى تىرىكلا كېسىپ ئېلىشىنى كۆرسىتىدىكەن. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 28 ياش ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى خەلقئارالىق «ئەزا ساياھەتچىلىرى» گە زاكاز بويىچە سېتىلىدىكەن. كىتابتىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بىر ياش ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان بولۇپ، ئاتالمىش «ھالال ئەزا» سودىسى ئارقىلىق ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى بايلارغا يۇقىرى باھادا سېتىلىدىكەن. ئىتان گۇتمان بۇ جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئېلېكترونلۇق نازارەت تورىدىن قېچىپ، گېرمانىيەدىن قازاقىستان چېگراسىغىچە ماشىنا ھەيدەپ بارغان ۋە ئۇ يەردە لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان گۇۋاھچىلارنى مەخپىي زىيارەت قىلغان. كىتابتا خىتاينىڭ 2015-يىلىدىن باشلاپ 12 ياشتىن يۇقىرى بارلىق ئۇيغۇرلارغا قاراتقان 10 مىليوندىن ئارتۇق قان ۋە DNA تەكشۈرۈشى ئەمەلىيەتتە بۇ چوڭ كۆلەملىك تىرىك ئەزا ئامبىرىنى قۇرۇشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى پاش قىلىنغان. كىتابتا بۇ سىستېمىلىق قىرغىنچىلىققا غەرب تېببىي ساھەسىنىڭ ياردەم بەرگەنلىكى، يۈزلەرچە خىتاي دوختۇرنىڭ ئامېرىكا تېببىي مەكتەپلىرىدە تەربىيەلەنگەنلىكى تەنقىد قىلىنغان. نۆۋەتتە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىشنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى» (Stop Forced Organ Harvesting Act) نى ماقۇللىغان بولۇپ، كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقىنى كۈتمەكتە.

Download options
25 Aug 2026, 21:32 GMT تاھىر ئىزگىل

ئىستانبۇلنىڭ يېنىكاپى رايونىدىكى ياۋرو-ئاسىيا كۆرگەزمە ۋە سەنئەت مەركىزىدە 15-ئاۋغۇست باشلانغان 11-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئەرەبچە كىتاب يەرمەنكىسى 23-ئاۋغۇست ئاخىرلاشتى. يەرمەنكىگە 60 قا يېقىن دۆلەتتىن 300 دىن ئارتۇق نەشرىياتچى قاتناشتى. يەرمەنكىدە تۈركىستانىي كۇتۇپخانىسى مەخسۇس ئورۇن ئېلىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار 58 تۈرلۈك كىتابنى كۆرگەزمىگە قويدى. تۈركىستانىي كۇتۇپخانىسنىڭ مەسئۇلى ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇننىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرىشىچە، كۆرگەزمە جەريانىدا، كۆپلىگەن كىتابلار سېتىلغان ھەمدە بىر قىسىم كىتابلار زىيارەتچىلەرگە ھەدىيە قىلىنغان. يەرمەنكە جەريانىدا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاساس قىلغان ئۈچ قېتىملىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى: يەرمەنكىنىڭ تۇنجى كۈنى كەچتىكى بىرىنجى سۆھبەت يىغىنىغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ساھىبخانلىق قىلدى، يىغىندا ئۇيغۇر ئۆلىمالار ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئىككىنچى سۆھبەت يىغىنى ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، شەرقىي تۈركىستان دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 21-ئاۋغۇست كەچتە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۈچىنجى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى تەكىتلىدى. ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى يەنە يەرمەنكە جەريانىدا كۆپلىگەن ئۆلىما، ئاكادېمىك ۋە ژۇرنالىستلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئاممىغا ئاڭلاتتى ھەمدە بىر قىسىم دىپلومات ۋە ئۆلىمالارغا خاتىرە ھەدىيەلىرى تەقدىم قىلدى. ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇننىڭ دېيىشىچە، تۈركىستانىي كۇتۇبخانىسى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئۇستاز رەھمىتۇللا تۈركىستانىينىڭ يىتەكچىلىكىدە سەئۇدىي ئەرەبىستاندا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئەرەپچە، ئىنگلىزچە، تۈركچە، ئۇيغۇرچە ۋە باشقا تىللاردىكى 30 مىڭدىن ئارتۇق كىتاب يىغىلغان. ئىككى يىل ئاۋال بۇ كۇتۇبخانا ئىستانبۇلغا يۆتكەپ كېلىنگەن.

Download options
25 Aug 2026, 21:26 GMT تاھىر ئىزگىل

ئەزەربەيجان ئىقتىساد مىنىستىرلىقى 13-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان ئۇچۇردا، ئىقتىساد مىنىستىرى مىكايىل جابباروف (Mikayil Jabbarov) نىڭ شىنجاڭ جۇڭخې (Xinjiang Joinworld) شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ما بىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئىككى تەرەپ ئاليۇمىن ۋە مېتاللورگىيە ساھەسىدە بىرلەشمە تۈرلەرنى يولغا قويۇش، سانائەت ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش، تېخنىكا ۋە كەسپىي تەجرىبە ئالماشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان. باياناتتا مەبلەغ سوممىسى تىلغا ئېلىنمىغان، شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىمۇ بىلدۈرۈلمىگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2024-يىلى نويابىردا شىنجاڭ جوڭخې شىركىتىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى بويىچە قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، بۇ شىركەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مىللەتلەرنىڭ ئەزالىرىنى «قوبۇل قىلىش، توشۇش، يۆتكەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش» قا قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىزچىل رەت قىلىپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىروگراممىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىدىن ئىبارەت، دەپ تەسۋىرلەپ كەلگەن، شۇنداقلا ئامېرىكانى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ خىتاي كارخانىلىرىنى بېسىش بىلەن ئەيىبلىگەن. ھازىرغىچە ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭ جوڭخې شىركىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ قاراتىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن خەۋەردار ياكى ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا بۇ شىركەت بىلەن ھەمكارلىقنى ئويلاشقاندا مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك تەمىنلەش زەنجىرى بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان-بارمىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى.

Download options
25 Aug 2026, 21:19 GMT تاھىر ئىزگىل

توكيودا تۇرۇشلۇق ئىنسان ھەقلىرى تەتقىقاتچىسى ۋە ئەركىن ژۇرنالىست پاترىك پۇن (Patrick Poon) يېقىندا ”ئاسىيا كاتولىك ئىتتىپاقى خەۋەرلىرى“ ( (UCA Newsتورىدا ”خىتاي ’تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش‘نى ئۇيغۇرلارغا قانداق قاراتتى؟“ ناملىق يېڭى ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ماقالىدا 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى 25 يىللىق جەريان ئانالىز قىلىنىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش شۇئارىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادى، مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىنى قانداق سىستېمىلىق يوقىتىشقا ئۇرۇنغانلىقى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش ”تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك“تىن ئىبارەت ”ئۈچ خىل كۈچ“كە قارشى تۇرۇش باھانىسىدا بىر قاتار قانۇن-نىزاملارنى يولغا قويغان. بولۇپمۇ 2015-يىلدىكى ”تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى“ ۋە يېقىندا يولغا قويۇلغان ”مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى“ ئارقىلىق، ئادەتتىكى دىنىي پائالىيەتلەر ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەر جىنايەتكە ئايلاندۇرۇلغان. مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان پروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ دېلوسى بېيجىڭنىڭ ئاتالمىش ”ئىتتىپاقلىق“ شۇئارى بىلەن ئەمەلىيەتتىكى باستۇرۇش سىياسىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ئېنىق ئىسپاتى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن. ماقالىدە بىر قاتار گۇۋاھچىلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنىڭ بايانلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن. ”ئۇيغۇر ھەرىكىتى“ تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرىكتورى روشەن ئابباس ۋە ژۇرنالىست گۈلچېھرە خوجىلار ئۆز ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ھېچبىر جىنايەتىسىز ئەھۋالدا ”تېررورچىلار تىزىملىكى“گە كىرگۈزۈلۈپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان؛ پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقلىقلىرىنىڭ تېررورلۇق ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكىچىل ھۆكۈمرانلىققا قارشى ئىنكاس ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ تىلشۇناس ۋە يازغۇچى ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئايرىم جىنايى قىلمىشلارنى پۈتۈن بىر مىللەتكە ئارتىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن؛ شائىر ۋە تەتقىقاتچى ئەزىز ئىسا ئەلكۇن ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى يالقۇن ئۇلۇغيول خىتاينىڭ بۇ خىل باستۇرۇشلار ئارقىلىق ھەقىقىي ئىتتىپاقلىققا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، مەسىلىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە كىملىكى بىلەن ياشاش ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىلا يېشىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ماقالىنىڭ خۇلاسىسىدە پاترىك پۇن خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ ”بىخەتەرلىك“ ۋە ”ئىتتىپاقلىق“ باھانىسى بىلەن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە قارىتا جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغان.

Download options
21 Aug 2026, 19:00 GMT تاھىر ئىزگىل

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەر

Download Video
RFA logo
Video
Credit: تاھىر ئىزگىل
21 Aug 2026, 19:00 GMT تاھىر ئىزگىل

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەر

Download original audio
RFA logo
Audio
Credit: تاھىر ئىزگىل
21 Aug 2026, 19:00 GMT تاھىر ئىزگىل

خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چېگرا ھالقىغان بېسىم ھەرىكەتلىرى كۈچەيمەكتە يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئىككى پارچە دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەرگىچە قاراتقان چېگرا ھالقىغان بېسىمى ۋە ئائىلە باغلىنىشىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى، ئاكتىپلىرى ھەمدە جامائەت ئەزالىرىنى جاسۇسلۇققا سېلىش ۋە سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇرلاش ئىستراتېگىيەلىرى ئاشكارىلاندى. ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 16-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستانغا ئائىلە زىيارىتى ئۈچۈن بارغان ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارنى تېرگاۋ قىلىپ، ئۇلاردىن ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، ئاكتىپلار ۋە ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلىرى ھەققىدە ئاخبارات يىغىشنى تەلەپ قىلغان.دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، بەزى زىيارەتچىلەر بىر نەچچە قېتىم، ھەتتا بىر قېتىمدا يەتتە سائەتتىن ئارتۇق بېسىم ئاستىدا سوراق قىلىنغان ھەم ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنى كۆزىتىش ۋە سۈرەتكە تارتىشقا مەجبۇرلانغان. خىتاينىڭ ۋىزىسىز كىرىش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ بارغانلارمۇ ئالدى بىلەن يەرلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ئورۇنلىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشقا، بېكىتىلگەن مېھمانخانىلاردا تۇرۇشقا ۋە كۈندىلىك ھەرىكىتىنى مەلۇم قىلىشقا مەجبۇر بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلە ئەزالىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ تەھدىت سالىدىغان بۇ قىلمىشى ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ئېغىر ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ جامائەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى توسالغۇغا ئۇچراتقان. 22-ئىيۇل، ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىسى ئادېرىيان زېنز (Adrian Zenz) بىلەن ياش تەتقىقاتچى مۇئەتتەر توختى (Muetter Tohti) تەرىپىدىن تەييارلانغان ”ئاسمانغا چىقساڭ تاپىنىڭدىن تارتىپ چۈشىمىز“ ماۋزۇلۇق ئىلمىي دوكلاتتا، بېيجىڭنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى تەتقىقاتچىلىرى، ئاكتىپلىرى ۋە گۇۋاھچىلىرىنى جىمىقتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنغانىدى. دوكلاتتتا، خىتاي پەقەت ئوچۇق-ئاشكارا تەھدىت سېلىش بىلەنلا قالماي، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىسىنى كۆرۈش ئىمتىيازىنى شەرت قىلىش ئارقىلىق، گۇۋاھچىلارنى سۈكۈت قىلىشقا، مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنى ھەمكارلىشىشقا ئازدۇرغان. بۇ خىل يوشۇرۇن بېسىملار خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى ھۆججەتلەشتۈرۈش خىزمىتىگە ئېغىر توسقۇنلۇق قىلغان؛ گۇۋاھچىلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئازايتىپ، تەتقىقاتچىلارغا روھىي ئازاب ۋە بېسىم ئېلىپ كەلگەن. بۇ ئىككى دوكلات خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەھدىتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىنچىكە ۋە سىستېمىلىق تۈس ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى بۇ خىل چېگرا ھالقىغان پاراكەندىچىلىكلەرگە قارشى جىددىي تەدبىر ئېلىشقا ھەمدە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئېنىق كۆرسەتمە ۋە ئۇچۇر بېرىش لىنىيەلىرىنى قۇرۇپ چىقىشقا چاقىردى. يېڭى كىتاب «شىنجاڭ تەرتىپى»دە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكى پاش قىلىندى ئاتاقلىق ئىنسان ھەقلىرى تەكشۈرگۈچىسى ۋە يازغۇچى ئىتان گۇتمان Ethan Gutmann نىڭ يېڭىدىن نەشر قىلىنغان «شىنجاڭ تەرتىپى» (The Xinjiang Procedure) ناملىق كىتابىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلاردا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىستېمىلىق زۇلۇملىرى ۋە سانائەت كۆلىمىدىكى مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىش جىنايىتىنى ئىنتايىن دەھشەتلىك پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كىتابتا ئېيتىلىشىچە، «شىنجاڭ تەرتىپى» دەپ ئاتالغان جەريان خىتاي ئوپېراتسىيە دوختۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ يۈرىكى يەنىلا سوقۇۋاتقان پېتى ئەزالىرىنى تىرىكلا كېسىپ ئېلىشىنى كۆرسىتىدىكەن. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 28 ياش ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەزالىرى خەلقئارالىق «ئەزا ساياھەتچىلىرى» گە زاكاز بويىچە سېتىلىدىكەن. كىتابتىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بىر ياش ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان بولۇپ، ئاتالمىش «ھالال ئەزا» سودىسى ئارقىلىق ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى بايلارغا يۇقىرى باھادا سېتىلىدىكەن. ئىتان گۇتمان بۇ جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئېلېكترونلۇق نازارەت تورىدىن قېچىپ، گېرمانىيەدىن قازاقىستان چېگراسىغىچە ماشىنا ھەيدەپ بارغان ۋە ئۇ يەردە لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان گۇۋاھچىلارنى مەخپىي زىيارەت قىلغان. كىتابتا خىتاينىڭ 2015-يىلىدىن باشلاپ 12 ياشتىن يۇقىرى بارلىق ئۇيغۇرلارغا قاراتقان 10 مىليوندىن ئارتۇق قان ۋە DNA تەكشۈرۈشى ئەمەلىيەتتە بۇ چوڭ كۆلەملىك تىرىك ئەزا ئامبىرىنى قۇرۇشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى پاش قىلىنغان. كىتابتا بۇ سىستېمىلىق قىرغىنچىلىققا غەرب تېببىي ساھەسىنىڭ ياردەم بەرگەنلىكى، يۈزلەرچە خىتاي دوختۇرنىڭ ئامېرىكا تېببىي مەكتەپلىرىدە تەربىيەلەنگەنلىكى تەنقىد قىلىنغان. نۆۋەتتە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىشنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى» (Stop Forced Organ Harvesting Act) نى ماقۇللىغان بولۇپ، كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقىنى كۈتمەكتە. ئۇيغۇر ۋەكىللەر ۋېنگىرىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 9-نۆۋەتلىك ماجار-ھۇن-تۈرك قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى 14-ئاۋغۇستتىن 16-ئاۋغۇستقىچە، 9--نۆۋەتلىك ماجار-ھۇن-تۈرك قەبىلىلىرى قۇرۇلتىيى ۋېنگرىيە پايتەختى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلدى. ماجار ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، مۇزىكىسى ھەم ئورتاق تارىخىي مىراسلىرىنى تەبرىكلەيدىغان چوڭ تىپتىكى بۇ پائالىيەت 2010-يىلى باشلانغان بولۇپ ھەر ئىككى يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدۇ. نۆۋەتتە بۇ پائالىيەت ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت كۆرەكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ قېتىم ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيەدە ۋە چوڭ كۆلەمدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ قۇرۇلتايغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت، ئەنگلىيەدىكى ”ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىىتىش“ تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋخپىسىنىڭ رەئىسى، ئەنقەرە ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر ئەركىن ئەمەت ھەمدە قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرى سەنئەتكارلىرىدىن تەشكىل تاپتى. پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئاساسىي سەھنىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقى ئېسىلدى. رەھىمە مەھمۇت ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى. ئالىمجان ئىنايەت «تىل، ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيەتتىكى ۋېنگىر-ئۇيغۇر مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە» ماۋزۇدا مەخسۇس لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ ئۆز لېكسىيەسىدە تارىخىي ئارخىپلار، تىلشۇناسلىق دەلىللىرى، سېلىشتۇرما فولكلورشۇناسلىق ۋە مۇزىكا قاتارلىقلار ئارقىلىق ۋېنگىرلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك ھەم مەدەنىيەت جەھەتتىن بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان بىر جەمەتنىڭ تارماقلىرى ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ ئۆتتى. ئۇيغۇر سەنئەتكارلار كلاسسىك ئۇيغۇر سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ، ئۇيغۇرلارنىڭ باي مەدەنىيەت ئاساسىنى نامايان قىلدى. يىغىننىڭ بايراق پارات بۆلۈكى قىزغىن كەيپىياتتا داۋاملاشتى، بىر نەپەر چەۋەنداز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى جەۋلان قىلىپ، سەھنە ئالدىدىن ئات چاپتۇرۇپ ئۆتكەندە گۈلدۇراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قۇرۇلتاي ماجار-تۇران فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئانتروپولوگ ئاندراس بىرو (András Bíró) ۋە قۇرۇلتاي تەشكىللەش ھەيئىتىنىڭ ئورتاق تەشەببۇسى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، پائالىيەت داۋامىدا ماجار- تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق ھېكايىلىرى ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت جەۋھەرلىرى نامايان قىلىندىكەن. ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كەلگەن خەلقمۇ؟ بۈگۈنكى پروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا سابىق مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار 2024-يىل 27-ئىيۇن تەييارلىغان ۋە شۇ كۈنى رادىيومىزدا ئاڭلىتىلغان ”ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كەلگەن خەلقمۇ؟“ ماۋزۇلۇق مۇلاھىزىسىنىڭ قىسقارتىلمىسىنى ئاڭلىتىمىز.

Download options
18 Aug 2026, 20:10 GMT تاھىر ئىزگىل

14-ئاۋغۇستتىن 16-ئاۋغۇستقىچە، 9-نۆۋەتلىك ماجار-ھۇن-تۈرك قەبىلىلىرى قۇرۇلتىيى ۋېنگرىيە پايتەختى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلدى. ماجار ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، مۇزىكىسى ھەم ئورتاق تارىخىي مىراسلىرىنى تەبرىكلەيدىغان چوڭ تىپتىكى بۇ پائالىيەت 2010-يىلى باشلانغان بولۇپ ھەر ئىككى يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدۇ. نۆۋەتتە بۇ پائالىيەت ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت كۆرەكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ قېتىم ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيەدە ۋە چوڭ كۆلەمدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ قۇرۇلتايغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت، ئەنگلىيەدىكى ”ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىىتىش“ تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋخپىسىنىڭ رەئىسى، ئەنقەرە ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر ئەركىن ئەمەت ھەمدە قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرى سەنئەتكارلىرىدىن تەشكىل تاپتى. پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئاساسىي سەھنىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقى ئېسىلدى. رەھىمە مەھمۇت ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى. ئالىمجان ئىنايەت «تىل، ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيەتتىكى ۋېنگىر-ئۇيغۇر مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە» ماۋزۇدا مەخسۇس لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ ئۆز لېكسىيەسىدە تارىخىي ئارخىپلار، تىلشۇناسلىق دەلىللىرى، سېلىشتۇرما فولكلورشۇناسلىق ۋە مۇزىكا قاتارلىقلار ئارقىلىق ۋېنگىرلار (ماجارلار) بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك ھەم مەدەنىيەت جەھەتتىن بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان بىر جەمەتنىڭ تارماقلىرى ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ ئۆتتى. ئۇيغۇر سەنئەتكارلار كلاسسىك ئۇيغۇر سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ، ئۇيغۇرلارنىڭ باي مەدەنىيەت ئاساسىنى نامايان قىلدى. يىغىننىڭ بايراق پارات بۆلۈكى قىزغىن كەيپىياتتا داۋاملاشتى، بىر نەپەر چەۋەنداز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى جەۋلان قىلىپ، سەھنە ئالدىدىن ئات چاپتۇرۇپ ئۆتكەندە گۈلدۇراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قۇرۇلتاي ماجار-تۇران فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئانتروپولوگ ئاندراس بىرو (András Bíró) ۋە قۇرۇلتاي تەشكىللەش ھەيئىتىنىڭ ئورتاق تەشەببۇسى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، پائالىيەت داۋامىدا ماجار- تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق ھېكايىلىرى ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت جەۋھەرلىرى نامايان قىلىندىكەن.

Download options
18 Aug 2026, 20:04 GMT تاھىر ئىزگىل

ئاتاقلىق ئىنسان ھەقلىرى تەكشۈرگۈچىسى ۋە يازغۇچى ئىتان گۇتمان Ethan Gutmann نىڭ يېڭىدىن نەشر قىلىنغان «شىنجاڭ تەرتىپى» (The Xinjiang Procedure) ناملىق كىتابىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلاردا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىستېمىلىق زۇلۇملىرى ۋە سانائەت كۆلىمىدىكى مەجبۇرىي ئەزا يىغىۋېلىش جىنايىتى ئىنتايىن دەھشەتلىك پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كىتابتا ئېيتىلىشىچە، «شىنجاڭ تەرتىپى» دەپ ئاتالغان جەريان خىتاي ئوپېراتسىيە دوختۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ يۈرىكى تېخى سوقۇۋاتقان ھالەتتە ئۇلارنىڭ ئەزالىرىنى تىرىكلا كېسىپ ئېلىشىنى كۆرسىتىدىكەن. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 28 ياش ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەزالىرى خەلقئارالىق «ئەزا ساياھەتچىلىرى» گە زاكاز بويىچە سېتىلىدىكەن. كىتابتىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بىر ياش ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان بولۇپ، ئاتالمىش «ھالال ئەزا» سودىسى ئارقىلىق ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى بايلارغا يۇقىرى باھادا سېتىلىدىكەن. ئىتان گۇتمان بۇ جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئېلېكترونلۇق نازارەت تورىدىن قېچىپ، گېرمانىيەدىن قازاقىستان چېگراسىغىچە ماشىنا ھەيدەپ بارغان ۋە ئۇ يەردە لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان گۇۋاھچىلارنى مەخپىي زىيارەت قىلغان. كىتابتا خىتاينىڭ 2015-يىلىدىن باشلاپ 12 ياشتىن يۇقىرى بارلىق ئۇيغۇرلارغا قاراتقان 10 مىليوندىن ئارتۇق قان ۋە DNA تەكشۈرۈشى ئەمەلىيەتتە بۇ چوڭ كۆلەملىك تىرىك ئەزا ئامبىرىنى قۇرۇشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى پاش قىلىنغان. كىتابتا بۇ سىستېمىلىق قىرغىنچىلىققا غەرب تېببىي ساھەسىنىڭ ياردەم بەرگەنلىكى، يۈزلەرچە خىتاي دوختۇرنىڭ ئامېرىكا تېببىي مەكتەپلىرىدە تەربىيەلەنگەنلىكى تەنقىد قىلىنغان. نۆۋەتتە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «مەجبۇرىي ئەزا يىغىۋېلىشنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى» (Stop Forced Organ Harvesting Act) نى ماقۇللىغان بولۇپ، كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقىنى كۈتمەكتە.

Download options
18 Aug 2026, 19:55 GMT تاھىر ئىزگىل

يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئىككى پارچە دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەرگىچە قاراتقان چېگرا ھالقىغان بېسىمى ۋە ئائىلە باغلىنىشىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى، ئاكتىپلىرى ھەمدە جامائەت ئەزالىرىنى جاسۇسلۇققا سېلىش ۋە سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇرلاش ئىستراتېگىيەلىرى ئاشكارىلاندى. ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 16-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستانغا ئائىلە زىيارىتى ئۈچۈن بارغان ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارنى تېرگاۋ قىلىپ، ئۇلاردىن ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، ئاكتىپلار ۋە ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلىرى ھەققىدە ئاخبارات يىغىشنى تەلەپ قىلغان. دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، بەزى زىيارەتچىلەر بىر نەچچە قېتىم، ھەتتا بىر قېتىمدا يەتتە سائەتتىن ئارتۇق بېسىم ئاستىدا سوراق قىلىنغان ھەم ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنى كۆزىتىش ۋە سۈرەتكە تارتىشقا مەجبۇرلانغان. خىتاينىڭ ۋىزىسىز كىرىش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ بارغانلارمۇ ئالدى بىلەن يەرلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ئورۇنلىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشقا، بېكىتىلگەن مېھمانخانىلاردا تۇرۇشقا ۋە كۈندىلىك ھەرىكىتىنى مەلۇم قىلىشقا مەجبۇر بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلە ئەزالىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ تەھدىت سالىدىغان بۇ قىلمىشى ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ئېغىر ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ جامائەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى توسالغۇغا ئۇچراتقان. 22-ئىيۇل، ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىسى ئادېرىيان زېنز (Adrian Zenz) بىلەن ياش تەتقىقاتچى مۇئەتتەر توختى (Muetter Tohti) تەرىپىدىن تەييارلانغان ”ئاسمانغا چىقساڭ تاپىنىڭدىن تارتىپ چۈشىمىز“ ماۋزۇلۇق ئىلمىي دوكلاتتا، بېيجىڭنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى تەتقىقاتچىلىرى، ئاكتىپلىرى ۋە گۇۋاھچىلىرىنى جىمىقتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنغانىدى. دوكلاتتتا، خىتاي پەقەت ئوچۇق-ئاشكارا تەھدىت سېلىش بىلەنلا قالماي، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىسىنى كۆرۈش ئىمتىيازىنى شەرت قىلىش ئارقىلىق، گۇۋاھچىلارنى سۈكۈت قىلىشقا، مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنى ھەمكارلىشىشقا ئازدۇرغان. بۇ خىل يوشۇرۇن بېسىملار خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى ھۆججەتلەشتۈرۈش خىزمىتىگە ئېغىر توسقۇنلۇق قىلغان؛ گۇۋاھچىلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئازايتىپ، تەتقىقاتچىلارغا روھىي ئازاب ۋە بېسىم ئېلىپ كەلگەن. بۇ ئىككى دوكلات خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەھدىتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىنچىكە ۋە سىستېمىلىق تۈس ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى بۇ خىل چېگرا ھالقىغان پاراكەندىچىلىكلەرگە قارشى جىددىي تەدبىر ئېلىشقا ھەمدە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئېنىق كۆرسەتمە ۋە ئۇچۇر بېرىش لىنىيەلىرىنى قۇرۇپ چىقىشقا چاقىردى.

Download options
14 Aug 2026, 20:28 GMT شۆھرەت ھوشۇر

«ئامېرىكا ئاۋازى»نىڭ سابىق مۇخبىرى قاسىمجان قەشقىرى بىلەن رادىيومىزنىڭ سابىق مۇخبىرى گۈلچېھرە خوجا تېكساس تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە ژۇرنالىزم ساهەسىدىكى مۇنەۋۋەرلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. مۇكاپات ژۇرنالىزم ۋە ئاممىۋى ئالاقە جەمئىيىتى تەرىپىدىن 5-ئاۋغۇست بىلەن 8-ئاۋغۇست ئارىلىقىدا ئارىزونا شتاتىنىڭ نېۋ ئورلېئانس (New Orleans) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 109-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنىدا تەقدىم قىلىندى. مەزكۇر مۇكاپات ژۇرنالىزم كەسپىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشتىن باشقا، بۇ ساهەدە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان ۋە پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئاخباراتچىلارغا بېرىلىدۇ. بۇ مۇكاپات ئالدىنقى يىللاردا كامېرۇن، كۇبا، برۇندى، مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت بېسىمىغا قارىماي ھەقىقەتنى يورۇتقان ژۇرنالىستلارغا بېرىلگەن ئىدى.

Download options
14 Aug 2026, 20:24 GMT شۆھرەت ھوشۇر

خىتاي ئۆتكەن ھەپتە چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش يېڭى بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ بەلگىلىمە خەلقئارا ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە دىققەت قوزغىدى. مەزكۇر بەلگىلىمىدە چېگرادىن كىرگەنلەرنىڭ دۆلەت سىرتىدا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكىگە قارشى ئىشلىرى بارلىقى بايقالسا، چېگرادىن چىقىدىغانلارنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئىلگىرى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە قارشى ھەرىكەتلىرى بارلىقى سېزىلسە، مەزكۇر شەخسنىڭ چېگرادىن كىرىشى ياكى چىقىشىنى توختىتىش، پاسپورتىنى تارتىۋېلىش، بەلگىلىك مۇددەت كىرىش-چىقىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاي 2023-يىلدىن باشلاپ ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ چېگرادىن كىرىپ-چىقىشىغا يول قويۇش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا ۋەزىيەتنىڭ نورماللىقى تەەسۋۇرىنى يارىتىشقا ئۇرۇنغان ئىدى. ئالدىنقى ھەپتە نۇپۇزلۇق تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنز (Adrian Zenz) ۋە مۇئەتتەر ئېلقۇت ئېلان قىلغان خىتاينىڭ چېگرا ھالقىپ باستۇرۇشلىرى ھەققىدىكى دوكلاتتا، مەزكۇر ئاتالمىش نورماللىشىشنىڭ ساحتلىقى پاش قىلىنغان. دوكلاتتا، چېگرادىن كىرىپ-چىققانلارغا نازارەت، تەھدىت ۋە تەشۋىقاتچىلىققا سېلىشنىڭ ئوخشاش داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ پاكىتلىرى كۆرسىتىلگەن. ئۆتكەن ھەپتە «دىپلومات» ژۇرنىلىدا خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى ھەققىدە ماقاله ئېلان قىلغان تەجرىبىلىك پائالىيەتچى ئۆمەر قانات ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ خىل يېڭى قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىدىكى چەكلىمىلەرنىڭ يېڭى ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ پەقەت مەۋجۇت چەكلىمە ۋە باستۇرۇشلارنى تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ توسالغۇسىز ئېلىپ بېرىشقا يول ھازىرلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بۈگۈن يېڭى چېگرا بەلگىلىمىسى ھەققىدە رادىيومىزغا پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ چېگرا زوراۋانلىقىنىڭ مۇستەملىكە باشلانغاندىن بېرى مەۋجۇت ئىكەنلىكى، پەقەت چەكلىمىنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە خەلقئارانىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈنلا بۇ خىل يېڭى قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

Download options
14 Aug 2026, 20:20 GMT شۆھرەت ھوشۇر

ياپونىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارفىيە ئابلەت تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كاتىپى قۇبانىچبېك ئۆمۈرالىيېۋ (Kubanychbek Omuraliev) بىلەن كۆرۈشتى. ئارفىيە ئابلەتنىڭ ئىنستاگرام سەھىپىسىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككى تەرەپ سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇرچە ۋە قىرغىزچە سۆزلەشكەن. تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا دېيىلىشىچە، ئۇچرىشىشتا ياپونىيە بىلەن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، سودا-سېتىق ۋە مەبلەغ، ترانسپورت ۋە ئالاقە، رەقەملەشتۈرۈش، يېشىل تەرەققىيات، مائارىپ ۋە خەلقلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان. ئىككى تەرەپ يەنە ترانس-كاسپىي ئوتتۇرا كارىدورىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالغان. ئەمما بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە دىققەت قوزغىغان تەرىپى دىپلوماتىك كۈنتەرتىپتىن كۆپرەك ئارفىيە ئابلەتنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشى بولدى. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن تۈركىيە ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ قارىشىچە، ياپونىيە بىلەن تۈرك دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىشى، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىگە تەڭپۇڭلۇق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئۇ يەنە بۇ تەڭپۇڭلۇقنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلار ۋە پائالىيەتچىلىرى ئۈچۈن بەلگىلىك كەڭلىكتە سىياسىي مەيدان يارىتىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىدۇ. تۈركىيەدىكى ژۇرنالىست مېركامىل قەشقەرلىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئارفىيەنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى يىغىنىدا ئورۇن ئېلىشى تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئېسىگە سالىدۇ. ئۇنىڭ يەنە قارىشىچە، ئارفىيەنىڭ بۇ ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرچە سۆزلىشى خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئاستىدا ئېغىر تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە نۇپۇزىنى نامايان قىلغان.

Download options
14 Aug 2026, 20:17 GMT شۆھرەت ھوشۇر

يېقىندا قەشقەردىن تېلېفۇنىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى ياتاقلىق يەسلىلەر ھەققىدىكى ئېنىقلىشىمىزغا جاۋاب بېرىپ، بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان نارىسىدە بالىلارنىڭ سالامەتلىكىدە، جۈملىدىن پسىخىكىسىدا ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى، بۇنىڭغا ئاساسلىقى ئاتا-ئانىسىنى سېغىنىشنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ بالىلار تۈرمە ۋە لاگېرلاردىكى ئاتا-ئانىلىرى بىلەن يىلدا بىر-ئىككى قېتىم ئېكراندا كۆرۈشتۈرۈلىدىغان بولۇپ، ئۆچىرەتتە ئادەم كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن كۆرۈشۈش 2-3 مىنۇتتىن ئاشمايدىكەن. ساقچىلار ھەر ئىككى تەرەپكە يىغلىماسلىقنى بۇيرىسىمۇ، بۇ كۆرۈشۈش كۆپ ھاللاردا يىغلا-زارە بىلەن ئاخىرلىشىدىكەن. ئۇنىڭ يەنە ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ تەۋەلىكىدىكى بىر يەسلىدە پسىخىكىسىدا ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەن بالىلاردىن بەش نەپىرى بوۋا-مومىسىنىڭ ئۆيىدە بىر ھەپتە دەم ئېلىش ۋە داۋالىنىشقا ئەۋەتىلگەن. چۈنكى بۇ بالىلارنىڭ بەزىلىرى توختىماي يىغلايدىغان، بەزىلىرى پەقەتلا گەپ قىلمايدىغان بولۇپ قالغان. ئۇ مەسئۇل بولغان بالا بوۋا-مومىسىنىڭ ئۆيىدىكى بىر ھەپتە جەريانىدا تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدىن نېرى كەتمىگەن ۋە ئېكراندىن ئاتا-ئانىسىنىڭ سىماسىنى ئىزدىگەن. ئۆتكەن يىللاردىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، ئاتا-ئانىسى تەڭلا تۇتۇلۇپ كەتكەن ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ «پەرىشتىلەر مەكتىپى» نامىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلىقى، مەكتەپلەردە بالىلارنىڭ «بىخەتەرلىكى» ۋە ئىدىيە ھالىتىنى كۆزىتىدىغان مەخسۇس ساقچى بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. بۇ ھەپتىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا پوسكام ناھىيەسىدىكى بىر ساقچى خادىمى ئۆزى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پەرىشتىلەر مەكتىپىدىكى ئۈچ يىل ئاۋۋال ئېچىلغان بىر سىنىپتا 30 نەپەر ئوقۇغۇچى بارلىقى، بۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئانىسى ياكى دادىسى، كۆپىنچىسىنىڭ بولسا ئاتا-ئانىسى تەڭلا «تەربىيەلەش»كە ئېلىپ كېتىلگەنلەر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بالىلارنىڭ «نورمال» تەربىيەلىنىۋاتقانلىقى، باشقا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن پەرقلىق مۇئامىلىگە ئۇچرىمايلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن بۇ خادىم بۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى كۆرەلمەسلىكتىن ئىبارەت بىرلا مەسىلىسى بارلىقى ۋە بۇ مەسىلىنىڭمۇ يىلدا بىر قېتىم ئېكراندا بەش مىنۇت كۆرۈشتۈرۈلۈش ئارقىلىق «ئۇتۇقلۇق» هەل قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مائارىپ تەتقىقاتچىسى ئابدۇرىشىت نىياز ئەپەندى بالىلارنىڭ دۇنياسىنىڭ ئاساسەن ئاتا-ئانىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقى ۋە ئۆز دۇنياسى بىلەن كۆرۈش سېزىمى ئارقىلىق باغلىنىش قۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بالىلار ئۈچۈن تۇنجى مەكتەپ سانىلىدىغان ئائىلە، تۇنجى مۇئەللىم سانىلىدىغان ئاتا-ئانىدىن ئايرىلىشنىڭ ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسەتمەسلىكىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى تەكىتلىدى. ئۆتكەن ئايدا ”شاھىت بىز“ تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەتلەردە ئاز دېگەندە 143 مىڭ نەپەر بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى. نۆۋەتتە بۇ بالىلارنىڭ قانچىلىك قىسمىنىڭ سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

Download options
14 Aug 2026, 20:11 GMT شۆھرەت ھوشۇر، تاھىر ئىزگىل

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەر

Download Video
RFA logo
Video
Credit: شۆھرەت ھوشۇر، تاھىر ئىزگىل