US Agency for Global Media USAGM

News and Information from Around the World

46 Items
11 Sep 2026, 19:11 GMT شۆھرەت ھوشۇر

خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا 2013-يىلدىن باشلاپ كەڭ كۆلەمدە يولغا قويغان ئاتالمىش «قانونسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى ھەرىكەت» دولقۇنىدا، نۇپۇزلۇق دىنىي زاتلارغا «ياۋا ئاخۇن»، «ياۋا ئىمام» دەپ نام بەرگەن ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى پاش قىلغانلارغا مۇكاپات سوممىسى بەلگىلىگەن ئىدى. «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش» تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى يالقۇن ئۇلۇغيولنىڭ 9-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان بىر قىسقا ئانالىز ماقالىسىدا، ئوخشاش مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنىڭ بۇ يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ چېڭدۇ، خېييۈەن قاتارلىق سەككىز شەھىرىدە ئىجراغا قويۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ۋە شەرقىي تۈركىستاندا سىناقتىن ئۆتكەن دىنىي چەكلىمىلەرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە كېڭەيتىلىشكە باشلانغانلىقى تەھلىل قىلىنغان. ئانالىزدا دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ ئالاقىدار ماتېرىياللىرىدىن نەقىل ئېلىپ دېيىلىشىچە، خىتاي يەر ئاستى چېركاۋلاردا توپلانغان ياكى ئۈندىدار گۇرۇپپىلىرىدا دىنىي دەرس سۆزلىگەنلەرنى پاش قىلغانلارغا 800 يۈەن بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان. خىتاي شەھەرلىرىدىكى مېھمانخانىلارغىمۇ، دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان گۇمانلىق كۆرۈنۈشلەر بايقالسا، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئۇقتۇرۇلغان. خەۋەر ئارخىپلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل ئۇقتۇرۇشلار شەرقىي تۈركىستاندا 10 نەچچە يىل ئاۋۋال تارقىتىلىپلا قالمىستىن، بۇ چەكلىمىلەرنىڭ نەتىجىسىدە تۇتقۇن قىلىنغان دىنىي زاتلار 10 يىلدىن يۇقىرى قاماق جازاسىغا يولۇقۇپ، نۆۋەتتە جازا ئىجرا قىلماقتا.

Download options
11 Sep 2026, 19:06 GMT شۆھرەت ھوشۇر

ئامېرىكىدىكى نۇپۇزلۇق بىر خرىستىيان جەمئىيىتى تەشكىلاتى يەنى جەنۇبىي باپتىستلار جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت سىياسىتى ئورگىنى بولغان «ئەخلاق ۋە دىنىي ئەركىنلىك كومىسسىيەسى» (Ethics & Religious Liberty Commission — ERLC) 9-سېنتەبىر پرېزىدېنت ترامپ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيوغا ئايرىم-ئايرىم خەت يوللاپ، ئامېرىكا-خىتاي ئۇچرىشىشىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان زۇلۇمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى. مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە لاگېرلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. بۇ تەشكىلات، بۇنىڭدىن بەش يىل بۇرۇن، يەنى 2021-يىلى 15–16-ئىيۇن كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق يىغىنىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس قارار قوبۇل قىلغان ۋە قارارىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىگەن ھەم باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان ئىدى. مەزكۇر خرىستىيان جەمئىيىتى، تەشكىلات خەتتە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تىزىملىكىگە كىرمىگەن خرىستىيان چېركاۋلىرىغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. بۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي سۆھبەتلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدە تۇتۇلۇشى ھەققىدىكى چاقىرىقلارغا خرىستىيان جەمئىيىتىدىن كەلگەن بىر ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشىدۇر. مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ بۇ چاقىرىقى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا ترامپنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن بولغان ئالاقىسىگە قارىتا ئەندىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلدى. بۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئاۋۋال، ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇرلارنى قوغداش» تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ترامپنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشىنى ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى تونۇشىنى ئىنكار قىلىش ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى قارارىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى» ۋە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ترامپنى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ۋە سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، ئەگەر بۇنداق بولىمغاندا بۇ ئۇچرىشىشنىڭ خىتايغا خاتا سىگنال بېرىدىغانلىقى ۋە قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشقا جاسارەتلەندۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

Download options
11 Sep 2026, 19:01 GMT شۆھرەت ھوشۇر

ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلجىدىكى تونۇلغان چاقچاقچى مۇساجان ئەخمەتنىڭ يېقىندا جازا ئۆتەۋاتقان كۈيتۈن تۈرمىسىدە ۋاپات بولغانلىقى خەۋەر قىلىندى. تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى ئالاقىدار ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن دەلىللەندى. مۇساجان ئەخمەت 1970-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ مەدەنىيەت پونكىتى ۋە سەنئەت ئۆمەكلىرىدە سەنئەتكار ۋە خىزمەتچى بولۇپ ئىشلەشتىن باشقا، غۇلجىنىڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدا رىياسەتچى بولۇپمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن. بىز مەرھۇم ئىلگىرى خىزمەت قىلغان ئورۇنلارغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. كېپەكيۈزى يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتى خادىمى مەرھۇمنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئىنكار قىلمىدى، ئەمما ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى، يەنى غۇلجا شەھەرلىك پارتكومدىن كەلگەن خادىملارغىلا مەلۇمات بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. غۇلجا شەھىرىدىكى بىر دۆلەت ئامانلىقى ساقچىسى مۇساجان ئەخمەتنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكىنى دەلىللەش بىلەن بىللە، بۇ ئۆلۈمنىڭ ئۇشتۇمتۇت بولغانلىقىنى بايان قىلدى. نۆۋەتتە گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچى، مەشھۇر چاقچاقچى ئابلىمىت تۇرسۇن غۇلجىدا مۇساجان ئەخمەت بىلەن سەنئەت ۋە مەدەنىيەت سۆھبىتىدە قىسقا بىر مەزگىللىك سەپداشلىق ھاياتى بولغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ بايان قىلىشىچە، مۇساجان ئەخمەت چاقچاقلىرىدا سۆزلەرنىڭ دانىمۇدانە، ئوچۇق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى، يۇمورلىرىنىڭ تەربىيەۋى ئەھمىيىتى كۈچلۈك بولۇشتەك تەرەپلىرى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئوخشىمىغان قاتلارملارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ خەۋەر تەپىشىچە، مۇساجان ئەخمەت كېيىنكى يىللاردا، ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ يېقىندىن قوللىشى بىلەن تىجارەت ساھەسىگىمۇ كىرگەن ۋە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىگىلىك تىكلىگەن. مۇساجان ئەخمەتنىڭ ھەم ئىقتىدار ئىگىسى، ھەم ئىقتىساد ئىگىسى بولۇشتەك ئالاھىدە تەرەپلىرى خىتاينىڭ كۆزىگە پاتقان ۋە 2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندا، ئۇنى زەربە نىشانىنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا تىزغان. رادىيومىزنىڭ ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىدا، مۇساجان ئەخمەتنىڭ 2016-يىلى چەت ئەلنى زىيارەت قىلغانلىقى ۋە پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان بىر پەرزەنتى سەۋەبلىك تۇتۇلغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. مۇساجان ئەخمەت ئوغلى ھىدايەت مۇساجاننى 2014-يىلى مىسىرغا ئوقۇشقا چىقارغان. مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلار خىتاينىڭ زەربە نىشانى بولغاندىن كېيىن، ئۇ تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن. ئۇ نۆۋەتتە «ئىزباسارلار» نامىدىكى مىللىي ۋە دىنىي ئويغىنىش ھەرىكىتى گۇرۇپپىسىدا خىزمەت قىلماقتا. مەرھۇمنىڭ چەت ئەلدىكى دۇستلىرى مەرھۇمغا قىلغان دۇئالىرىدا ئۇنىڭ ئوغلى، ئىزباسارى ھىدايەت مۇساجاننىڭ دادىسىنىڭ ئىزىنى باسقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە ۋە خىزمەتلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلار تىلىمەكتە.

Download options
11 Sep 2026, 18:57 GMT شۆھرەت ھوشۇر، تاھىر ئىزگىل

تونۇلغان چاقچاقچى مۇساجان ئەخمەتنىڭ خىتاي تۈرمىىسىدە جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەندى ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلجىدىكى تونۇلغان چاقچاقچى مۇساجان ئەخمەتنىڭ يېقىندا جازا ئۆتەۋاتقان كۈيتۈن تۈرمىسىدە ۋاپات بولغانلىقى خەۋەر قىلىندى. تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى ئالاقىدار ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن دەلىللەندى. مۇساجان ئەخمەت 1970-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ مەدەنىيەت پونكىتى ۋە سەنئەت ئۆمەكلىرىدە سەنئەتكار ۋە خىزمەتچى بولۇپ ئىشلەشتىن باشقا، غۇلجىنىڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدا رىياسەتچى بولۇپمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن. بىز مەرھۇم ئىلگىرى خىزمەت قىلغان ئورۇنلارغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. كېپەكيۈزى يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتى خادىمى مەرھۇمنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئىنكار قىلمىدى، ئەمما ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى، يەنى غۇلجا شەھەرلىك پارتكومدىن كەلگەن خادىملارغىلا مەلۇمات بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. غۇلجا شەھىرىدىكى بىر دۆلەت ئامانلىقى ساقچىسى مۇساجان ئەخمەتنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكىنى دەلىللەش بىلەن بىللە، بۇ ئۆلۈمنىڭ ئۇشتۇمتۇت بولغانلىقىنى بايان قىلدى. نۆۋەتتە گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچى، مەشھۇر چاقچاقچى ئابلىمىت تۇرسۇن غۇلجىدا مۇساجان ئەخمەت بىلەن سەنئەت ۋە مەدەنىيەت سۆھبىتىدە قىسقا بىر مەزگىللىك سەپداشلىق ھاياتى بولغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ بايان قىلىشىچە، مۇساجان ئەخمەت چاقچاقلىرىدا سۆزلەرنىڭ دانىمۇدانە، ئوچۇق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى، يۇمورلىرىنىڭ تەربىيەۋى ئەھمىيىتى كۈچلۈك بولۇشتەك تەرەپلىرى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئوخشىمىغان قاتلارملارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ خەۋەر تەپىشىچە، مۇساجان ئەخمەت كېيىنكى يىللاردا، ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ يېقىندىن قوللىشى بىلەن تىجارەت ساھەسىگىمۇ كىرگەن ۋە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىگىلىك تىكلىگەن. مۇساجان ئەخمەتنىڭ ھەم ئىقتىدار ئىگىسى، ھەم ئىقتىساد ئىگىسى بولۇشتەك ئالاھىدە تەرەپلىرى خىتاينىڭ كۆزىگە پاتقان ۋە 2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندا، ئۇنى زەربە نىشانىنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا تىزغان. رادىيومىزنىڭ ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىدا، مۇساجان ئەخمەتنىڭ 2016-يىلى چەت ئەلنى زىيارەت قىلغانلىقى ۋە پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان بىر پەرزەنتى سەۋەبلىك تۇتۇلغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. مۇساجان ئەخمەت ئوغلى ھىدايەت مۇساجاننى 2014-يىلى مىسىرغا ئوقۇشقا چىقارغان. مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلار خىتاينىڭ زەربە نىشانى بولغاندىن كېيىن، ئۇ تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن. ئۇ نۆۋەتتە «ئىزباسارلار» نامىدىكى مىللىي ۋە دىنىي ئويغىنىش ھەرىكىتى گۇرۇپپىسىدا خىزمەت قىلماقتا. مەرھۇمنىڭ چەت ئەلدىكى دۇستلىرى مەرھۇمغا قىلغان دۇئالىرىدا ئۇنىڭ ئوغلى، ئىزباسارى ھىدايەت مۇساجاننىڭ دادىسىنىڭ ئىزىنى باسقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە ۋە خىزمەتلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلار تىلىمەكتە. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ترامپقا قارىتا چاقىرىقلىرىغا بىر خرىستىيان تەشكىلاتىمۇ ئاۋاز قوشتى ئامېرىكىدىكى نۇپۇزلۇق بىر خرىستىيان جەمئىيىتى تەشكىلاتى يەنى جەنۇبىي باپتىستلار جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت سىياسىتى ئورگىنى بولغان «ئەخلاق ۋە دىنىي ئەركىنلىك كومىسسىيەسى» (Ethics & Religious Liberty Commission — ERLC) 9-سېنتەبىر پرېزىدېنت ترامپ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيوغا ئايرىم-ئايرىم خەت يوللاپ، ئامېرىكا-خىتاي ئۇچرىشىشىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان زۇلۇمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى. مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە لاگېرلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. بۇ تەشكىلات، بۇنىڭدىن بەش يىل بۇرۇن، يەنى 2021-يىلى 15–16-ئىيۇن كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق يىغىنىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس قارار قوبۇل قىلغان ۋە قارارىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىگەن ھەم باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان ئىدى. مەزكۇر خرىستىيان جەمئىيىتى، تەشكىلات خەتتە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تىزىملىكىگە كىرمىگەن خرىستىيان چېركاۋلىرىغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. بۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي سۆھبەتلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدە تۇتۇلۇشى ھەققىدىكى چاقىرىقلارغا خرىستىيان جەمئىيىتىدىن كەلگەن بىر ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشىدۇر. مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ بۇ چاقىرىقى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا ترامپنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن بولغان ئالاقىسىگە قارىتا ئەندىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلدى. بۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئاۋۋال، ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇرلارنى قوغداش» تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ترامپنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشىنى ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى تونۇشىنى ئىنكار قىلىش ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى قارارىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى» ۋە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ترامپنى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ۋە سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، ئەگەر بۇنداق بولىمغاندا بۇ ئۇچرىشىشنىڭ خىتايغا خاتا سىگنال بېرىدىغانلىقى ۋە قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشقا جاسارەتلەندۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان دىني چەكلىمىلىرى ئىچكى ئۆلكىلەرگە كېڭەيگەن خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا 2013-يىلدىن باشلاپ كەڭ كۆلەمدە يولغا قويغان ئاتالمىش «قانونسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى ھەرىكەت» دولقۇنىدا، نۇپۇزلۇق دىنىي زاتلارغا «ياۋا ئاخۇن»، «ياۋا ئىمام» دەپ نام بەرگەن ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى پاش قىلغانلارغا مۇكاپات سوممىسى بەلگىلىگەن ئىدى. «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش» تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى يالقۇن ئۇلۇغيولنىڭ 9-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان بىر قىسقا ئانالىز ماقالىسىدا، ئوخشاش مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنىڭ بۇ يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ چېڭدۇ، خېييۈەن قاتارلىق سەككىز شەھىرىدە ئىجراغا قويۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ۋە شەرقىي تۈركىستاندا سىناقتىن ئۆتكەن دىنىي چەكلىمىلەرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە كېڭەيتىلىشكە باشلانغانلىقى تەھلىل قىلىنغان. ئانالىزدا دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ ئالاقىدار ماتېرىياللىرىدىن نەقىل ئېلىپ دېيىلىشىچە، خىتاي يەر ئاستى چېركاۋلاردا توپلانغان ياكى ئۈندىدار گۇرۇپپىلىرىدا دىنىي دەرس سۆزلىگەنلەرنى پاش قىلغانلارغا 800 يۈەن بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان. خىتاي شەھەرلىرىدىكى مېھمانخانىلارغىمۇ، دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان گۇمانلىق كۆرۈنۈشلەر بايقالسا، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئۇقتۇرۇلغان. خەۋەر ئارخىپلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل ئۇقتۇرۇشلار شەرقىي تۈركىستاندا 10 نەچچە يىل ئاۋۋال تارقىتىلىپلا قالمىستىن، بۇ چەكلىمىلەرنىڭ نەتىجىسىدە تۇتقۇن قىلىنغان دىنىي زاتلار 10 يىلدىن يۇقىرى قاماق جازاسىغا يولۇقۇپ، نۆۋەتتە جازا ئىجرا قىلماقتا. شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقنىڭ 90 ياشقا كىرگەنلىكى تەبرىكلەندى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ تونۇلغان ۋەكىللىرىدىن ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقنىڭ 90 ياشلىق تەۋەللۇتى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇنىڭ ئاز كەم 70 يىللىق ئىجادىيىتى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىسى تەبرىكلەندى. قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى، ھەر ساھەدىكى تونۇلغان شەخسلەر قاتناشتى. قاتناشقانلار ئارىسىدا جامائەت ئەربابى ۋە تەتقىقاتچى قەھرىمان غوجامبەردىمۇ بار بولۇپ، قاتناشقۇچىلار ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقنىڭ ھاياتى، ئىجادىيىتى ۋە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئورنى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى. دېيىلىشىچە، شائىرنىڭ ئىجادىيىتىدە ۋەتەن، ھىجرەت ۋە مىللىي تەقدىر، ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئىنسان قەدىر-قىممىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. شائىرنىڭ «يىگىرمە بىرىنچى ئەسىر، ئۇيغۇرىستان بولمايدۇ ئەسىر» دېگەن مىسرالار بىلەن باشلانغان «ئۇيغۇرىستان» ناملىق شېئىرى «يېڭى ھايات» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىچى-سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان. ئۇنىڭ «يولوچى» ناملىق ئەسىرىدە ئىككىنجى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى ئوبرازى يارىتىلغان. ئۇ يەنە ئۇيغۇر تارىخىدىكى رىزۋانگۈل، نۇزۇگۇم، ئىپارخان، مايىمخان قاتارلىق ئايال قەھرىمانلارغا بېغىشلاپ ئەسەرلەر يازغان. يەنە خاتىرىلىنىشىچە، جەڭگىۋارلىققا چاقىرىش ۋە مىللىي ئاڭنى ئويغىتىش، شائىر ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان يېزىقچىلىق يولىدۇر. ئابدۇغوپۇر قۇتلۇق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ھالىتىدە بولۇپ، يىللاردىن بېرى بۇ تەشكىلاتلارنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، خەلقئارا سەھنىلەردە ھەرىكەت قىلىۋاتقان پائالىيەتچىلەرگە ئىلھام-بەخش شېئىر ۋە دېكلاماتسىيەلىرى بىلەن مەدەت بېرىپ كەلمەكتە. تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر ئارخېئولوگلىرىدىن ئالىي تەتقىقاتچى ئابدۇقېييۇم خوجا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر ئارخېئولوگلىرىدىن بىرى، ئالىي تەتقىقاتچى ۋە تۆھپىكار ئالىم ئابدۇقېييۇم خوجا 3-سېنتەبىر سەھەردە، 85 يېشىدا ئۈرۈمچىدە كېسەل سەۋەبىدىن مەڭگۈلۈك كۆز يۇمدى. 1941-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان ئابدۇقېييۇم خوجا، 1956-يىلى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئارخېئولوگىيە خادىملىرىنى يىتىشتۈرۈش كۇرسىدا ئوقۇپ، تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر ئارخېئولوگلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇ ئۆمۈر بويى ئىلمىي ئىزدىنىشنى تەرك ئەتمەي، قەدىمكى تۈرك تىل-يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ۋە چاغاتاي تىل-يېزىقلىرىنى جاپالىق ئۆگىنىپ، ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىشقا زور ھەسسە قوشقان. ئۇ ھاياتىدا «مايتىرى سېمىت»، «قەدىمىي ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما» ۋە «غەربىي يۇرت ۋە قەدىمىي مەدەنىيەت» قاتارلىق ئۆلمەس ئەسەرلەرنى تۈزگەن ۋە نەشرگە تەييارلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئالتۇنلۇق، زاغۇنلۇق، نىيە، سامپۇل ۋە ئاق تۆپە قاتارلىق قەدىمىي خارابىلىقلەرنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. بولۇپمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ لوپنۇر رايونىدىكى كروران خارابىسى ۋە «كروران گۈزىلى»گە ئائىت ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ئارقىلىق تارىم مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەجدادلىرىغا تەۋەلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان ھەمدە چەرچەندىكى قىياتاش رەسىملىرىنى تەتقىق قىلىپ، يەرلىك ئېتنىك تەركىبلەرگە ئائىت ئىلمىي پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. تارىخشۇناس، دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ئۇنىڭ ۋاپاتىنى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن زور يوقىتىش دەپ ئاتىدى. مەرھۇمنىڭ ئامېرىكىدىكى قىزى، تونۇلغان ژۇرنالىست گۈلچېھرە خوجا رادىيومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا دادىسىنىڭ ئاخىرقى ئون بىر يىلدا مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئورۇن تۇتۇپ قالغىنىغا قارىماي، ھەر قانداق تەسىر ۋە بېسىملارغا باش ئەگمەي، غۇرۇرى بىلەن شەرەپلىك ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى، روھىنىڭ ھەردائىم ئۈستۈن بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. تەتقىقاتچى زۇلھايات ئۆتكۈر ”ئۇيغۇر پوچتىسى“دا ئېلان قىلىنغان ئوبزورىدا، ئابدۇقېييۇم خوجانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى بۇرمىلاش ۋە ئارخېئولوگىيەنى دۆلەت بىرلىكىگە خىزمەت قىلدۇرۇش تەشۋىقاتلىرىغا قارىتا، ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت قورغىنىنى ئۆمۈر بويى قوغداپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئوبزوردا مەرھۇم ئالىمنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئىلمىي ئىزدىنىشلىرى ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان تارىخىغا ئائىت سەپستىلىرىگە رەددىيە بېرىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەزىيەنامە ئېلان قىلىپ، ئابدۇقېييۇم خوجانىڭ ۋاپاتىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. تەزىيەنامىدە: «مەرھۇم ئۆمرىنى ئۇيغۇر تارىخى، ئارخېئولوگىيەسى ۋە قەدىمىي يازما يادىكارلىقلارنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلاپ، مىللەتنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، تەتقىق قىلىش ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى. ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن ئەقل-پاراسىتى، ئەمگىكى ۋە ئۆمرىنى بېغىشلىغان ھەر بىر كىشى مىلەتنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ» دېيىلدى. «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نىڭ ئىجرائاتى سۈرۈشتە قىلىندى 3-سېنتەبىر، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي مەسىلىسى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ (SCC) رەئىسى جون مۇلېنار (John Moolenaar) ۋە دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ (CECC) رەئىسى كرىس سىمىس (Chris Smith) باشلىق ئىككى پارتىيە پارلامېنت ئەزالىرى دۆلەت بىخەتەرلىكى مىنىستىرى ماركۋايىن مۇللىنغا (Markwayne Mullin) بىر يازما مەكتۇپ يوللاپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىدىن (DHS) «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) نىڭ ئىجرائات ئەھۋالى ھەققىدە 30 كۈن ئىچىدە پارلامېنتقا تەپسىلىي دوكلات بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ ئوچۇق خەتكە يەنە رو خەننا (Ro Khanna)، جېف مەركلى (Jeff Merkley)، جىم ماكگوۋەرن (Jim McGovern)، بەننى تەمسون (Bennie Thompson)، كارلوس گىمەنەز (Carlos Gimenez) ۋە يۇڭ كىم (Young Kim) قاتارلىق ئىككى پارتىيەنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئىمزا قويدى. پارلامېنت ئەزالىرى خېتىدە خىتاينىڭ شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى (شەرقىي تۈركىستان) مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان ماللىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى توسۇش ھەم ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنى بۇنداق جىنايەتلەرگە شېرىك قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى قانۇنىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. ئانالىزلارغا قارىغاندا، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان كېپەز ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا بازىرىغا ئۈچۈنچى دۆلەتلەر ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىپ كىرگۈزۈلگەن. خەتتە يەنە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىلىرىنىڭ پەقەت بىر قانچە ساھە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئاممىۋى ئىستېمال بۇيۇملىرى، توقۇمىچىلىق، بېلىقچىلىق مەھسۇلاتلىرى، مېتاللورگىيە، باتارېيە ماتېرىياللىرى، قىممەتلىق مىنېراللار ۋە باشقا يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارغىچە كېڭەيگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 31-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى قانۇنى قارا تىزىملىكىنى ئەڭ چوڭ كۆلەمدە كېڭەيتىپ، 43 خىتاي شىركىتىنى تىزىملىككە يېڭىدىن قوشقان ئىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، پارلامېنت ئەزالىرى يەنە يۈزلەرچە شىركەتنىڭ تىزىملىككە كىرىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۆتكەن بىر يىلدا يۇقىرى خەتەرلىك ساھەلەردە مال تۇتۇپ قېلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېغىر زۇلۇم سىياستىگە ئون يىل بولدى ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (Human Rights Watch) يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان سىستېمىلىق ئېزىش، جازالاش ۋە ئىنسانىيلىققا قارىشى جىنايەتلىرىنىڭ ئون يىلدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دوكلاتتا، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ھېچقانداق جاۋابكارلىققا تارتىلمىغانلىقى تەكىتلىنىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەكلەن ئىنكاسلاردىن ھالقىپ ئەمەلىي قەدەم تاشلىشى كېرەكلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. دوكلاتتا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جازا لاگېرلىرى، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى چەكتىن ئاشقان جىنايەتلىرى ئۈچۈن خەلقئارا قاتلامدىكى بىرەر ئورگان تەرىپىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلمىغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا شىركەتلەردىن خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى، بولۇپمۇ پاختا، قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى ۋە يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى باشقا خەتەرلىك مەھسۇلاتلارنى چەكلەشنى كۈچەيتىشى تەلەپ قىلىندى. ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارىياتىنىڭ بۇرۇن ئېلان قىلغان دوكلاتىدىكى تەۋسىيەلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى تەكشۈرىدىغان مەخسۇس ئورگان تەسىس قىلىشى زۆرۈرلۈكى ئەسكەرتىلدى. ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئانالىزچىلىرى خىتاينىڭ ئائىلەلەرنى پارچىلاش، سىستېمىلىق تۇتقۇن قىلىش، تىل ۋە مەدەنىيەتنى يوقىتىش سىياستىنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىي جازا تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. بۇ دوكلات خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە كۆز يۇمۇشنىڭ دۇنياۋىي ئىنسان ھەقلىرى سىستېمىسىغا ئېغىر زەرەر يەتكۈزىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك ئاگاھلاندۇردى.

Download options
8 Sep 2026, 20:38 GMT تاھىر ئىزگىل

ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (Human Rights Watch) يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان سىستېمىلىق ئېزىش، جازالاش ۋە ئىنسانىيلىققا قارىشى جىنايەتلىرىنىڭ ئون يىلدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دوكلاتتا، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ھېچقانداق جاۋابكارلىققا تارتىلمىغانلىقى تەكىتلىنىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەكلەن ئىنكاسلاردىن ھالقىپ ئەمەلىي قەدەم تاشلىشى كېرەكلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. دوكلاتتا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جازا لاگېرلىرى، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى چەكتىن ئاشقان جىنايەتلىرى ئۈچۈن خەلقئارا قاتلامدىكى بىرەر ئورگان تەرىپىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلمىغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا شىركەتلەردىن خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى، بولۇپمۇ پاختا، قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى ۋە يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى باشقا خەتەرلىك مەھسۇلاتلارنى چەكلەشنى كۈچەيتىشى تەلەپ قىلىندى. ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارىياتىنىڭ بۇرۇن ئېلان قىلغان دوكلاتىدىكى تەۋسىيەلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى تەكشۈرىدىغان مەخسۇس ئورگان تەسىس قىلىشى زۆرۈرلۈكى ئەسكەرتىلدى. ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئانالىزچىلىرى خىتاينىڭ ئائىلەلەرنى پارچىلاش، سىستېمىلىق تۇتقۇن قىلىش، تىل ۋە مەدەنىيەتنى يوقىتىش سىياستىنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىي جازا تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. بۇ دوكلات خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە كۆز يۇمۇشنىڭ دۇنياۋىي ئىنسان ھەقلىرى سىستېمىسىغا ئېغىر زەرەر يەتكۈزىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك ئاگاھلاندۇردى.

Download options
8 Sep 2026, 20:34 GMT تاھىر ئىزگىل

3-سېنتەبىر، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي مەسىلىسى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ (SCC) رەئىسى جون مۇلېنار (John Moolenaar) ۋە دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ (CECC) رەئىسى كرىس سىمىس (Chris Smith) باشلىق ئىككى پارتىيە پارلامېنت ئەزالىرى دۆلەت بىخەتەرلىكى مىنىستىرى ماركۋايىن مۇللىنغا (Markwayne Mullin) بىر يازما مەكتۇپ يوللاپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىدىن (DHS) «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) نىڭ ئىجرائات ئەھۋالى ھەققىدە 30 كۈن ئىچىدە پارلامېنتقا تەپسىلىي دوكلات بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ ئوچۇق خەتكە يەنە رو خەننا (Ro Khanna)، جېف مەركلى (Jeff Merkley)، جىم ماكگوۋەرن (Jim McGovern)، بەننى تەمسون (Bennie Thompson)، كارلوس گىمەنەز (Carlos Gimenez) ۋە يۇڭ كىم (Young Kim) قاتارلىق ئىككى پارتىيەنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئىمزا قويدى. پارلامېنت ئەزالىرى خېتىدە خىتاينىڭ شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى (شەرقىي تۈركىستان) مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان ماللىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى توسۇش ھەم ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنى بۇنداق جىنايەتلەرگە شېرىك قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى قانۇنىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. ئانالىزلارغا قارىغاندا، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان كېپەز ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا بازىرىغا ئۈچۈنچى دۆلەتلەر ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىپ كىرگۈزۈلگەن. خەتتە يەنە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىلىرىنىڭ پەقەت بىر قانچە ساھە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئاممىۋى ئىستېمال بۇيۇملىرى، توقۇمىچىلىق، بېلىقچىلىق مەھسۇلاتلىرى، مېتاللورگىيە، باتارېيە ماتېرىياللىرى، قىممەتلىق مىنېراللار ۋە باشقا يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارغىچە كېڭەيگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 31-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى قانۇنى قارا تىزىملىكىنى ئەڭ چوڭ كۆلەمدە كېڭەيتىپ، 43 خىتاي شىركىتىنى تىزىملىككە يېڭىدىن قوشقان ئىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، پارلامېنت ئەزالىرى يەنە يۈزلەرچە شىركەتنىڭ تىزىملىككە كىرىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۆتكەن بىر يىلدا يۇقىرى خەتەرلىك ساھەلەردە مال تۇتۇپ قېلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

Download options
8 Sep 2026, 20:28 GMT تاھىر ئىزگىل

تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر ئارخېئولوگلىرىدىن بىرى، ئالىي تەتقىقاتچى ۋە تۆھپىكار ئالىم ئابدۇقېييۇم خوجا 3-سېنتەبىر سەھەردە، 85 يېشىدا ئۈرۈمچىدە كېسەل سەۋەبىدىن مەڭگۈلۈك كۆز يۇمدى. 1941-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان ئابدۇقېييۇم خوجا، 1956-يىلى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئارخېئولوگىيە خادىملىرىنى يىتىشتۈرۈش كۇرسىدا ئوقۇپ، تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر ئارخېئولوگلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇ ئۆمۈر بويى ئىلمىي ئىزدىنىشنى تەرك ئەتمەي، قەدىمكى تۈرك تىل-يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ۋە چاغاتاي تىل-يېزىقلىرىنى جاپالىق ئۆگىنىپ، ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىشقا زور ھەسسە قوشقان. ئۇ ھاياتىدا «مايتىرى سېمىت»، «قەدىمىي ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما» ۋە «غەربىي يۇرت ۋە قەدىمىي مەدەنىيەت» قاتارلىق ئۆلمەس ئەسەرلەرنى تۈزگەن ۋە نەشرگە تەييارلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئالتۇنلۇق، زاغۇنلۇق، نىيە، سامپۇل ۋە ئاق تۆپە قاتارلىق قەدىمىي خارابىلىقلەرنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. بولۇپمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ لوپنۇر رايونىدىكى كروران خارابىسى ۋە «كروران گۈزىلى»گە ئائىت ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ئارقىلىق تارىم مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەجدادلىرىغا تەۋەلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان ھەمدە چەرچەندىكى قىياتاش رەسىملىرىنى تەتقىق قىلىپ، يەرلىك ئېتنىك تەركىبلەرگە ئائىت ئىلمىي پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. تارىخشۇناس، دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ئۇنىڭ ۋاپاتىنى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن زور يوقىتىش دەپ ئاتىدى. مەرھۇمنىڭ ئامېرىكىدىكى قىزى، تونۇلغان ژۇرنالىست گۈلچېھرە خوجا رادىيومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا دادىسىنىڭ ئاخىرقى ئون بىر يىلدا مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئورۇن تۇتۇپ قالغىنىغا قارىماي، ھەر قانداق تەسىر ۋە بېسىملارغا باش ئەگمەي، غۇرۇرى بىلەن شەرەپلىك ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى، روھىنىڭ ھەردائىم ئۈستۈن بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. تەتقىقاتچى زۇلھايات ئۆتكۈر ”ئۇيغۇر پوچتىسى“دا ئېلان قىلىنغان ئوبزورىدا، ئابدۇقېييۇم خوجانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى بۇرمىلاش ۋە ئارخېئولوگىيەنى دۆلەت بىرلىكىگە خىزمەت قىلدۇرۇش تەشۋىقاتلىرىغا قارىتا، ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت قورغىنىنى ئۆمۈر بويى قوغداپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئوبزوردا مەرھۇم ئالىمنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئىلمىي ئىزدىنىشلىرى ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان تارىخىغا ئائىت سەپستىلىرىگە رەددىيە بېرىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەزىيەنامە ئېلان قىلىپ، ئابدۇقېييۇم خوجانىڭ ۋاپاتىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. تەزىيەنامىدە: «مەرھۇم ئۆمرىنى ئۇيغۇر تارىخى، ئارخېئولوگىيەسى ۋە قەدىمىي يازما يادىكارلىقلارنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلاپ، مىللەتنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، تەتقىق قىلىش ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى. ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن ئەقل-پاراسىتى، ئەمگىكى ۋە ئۆمرىنى بېغىشلىغان ھەر بىر كىشى مىلەتنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ» دېيىلدى.

Download options
4 Sep 2026, 21:56 GMT شۆھرەت ھوشۇر

پرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ۋاشىنگتوندا كۆرۈشۈشى ئالدىدا، كۆزەتكۈچىلەرترامپنى ۋاشىنگتوننىڭ دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي كۆزىرلىرىدىن پايدىلىنىپ، مەھبۇس ئۇيغۇر دوختۇر گۈلشەن ئابباسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرماقتا. خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى مايكېل سوبولىك ۋە ئولىۋىيا ئېنوس 2-سېنتەبىر ”ۋاشىنگتون ئېكزامىنەر“ گېزىتىدە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تاموژنا بېجى ۋە خىتاينىڭ مۇھىم مىنېرااللار ئېكسپورتى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن مۇھىم كۆزۈر بولالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ترامپ بۇ يىل مايدا بېيجىڭغا قىلغان زىيارىتى ئەسناسىدا تۇتقۇندىكى پوپ ئېزرا جىننىڭ دېلوسىنى شى جىنپىڭغا بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى ئارىدىن ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئۆتۈپ، ئۇنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قويۇپ بەرگەن ۋە ئۇنىڭ گۇاڭجۇ ئارقىلىق لوس ئانجېلېسقا ئۇچۇپ، ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىغا يول قويغان. ئاپتورلار جىننىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى، ئايرىم سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ دېلوسىنى شى جىنپىڭغا بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ نەتىجىلىك بولۇش مۇمكىنلىكىنىڭ بىر ئىسپاتى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇلار ترامپنى ئالدىمىزدىكى ئۇچرىشىشتا گۈلشەن ئابباس دېلوسىنىمۇ تىلغا ئېلىشقا چاقىردى. يۇقۇرىقى ماقالىلاردا گۈلشەن ئابباسنىڭ قېرىنداشلىرى، ئىككى قىزى ۋە بىرنەچچە نەۋرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 24 ئائىلە ئەزاسىنىڭ ئامېرىكا پۇقراسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىندى. بۇ نۇقتىدىن گۈلشەن ئابباس مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئەمەس ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، گۈلشەن ئابباسنىڭ قويۇپ بېرىلىپ-بېرىلمەسلىكىنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئىمتىھان خاراكتېرلىك مەسىلە قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلدى. ئولىۋىيا ئېنوس 20-ئاۋغۇست خۇدسون ئىنستىتۇتىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، دىپلوماتىك تىرىشچانلىق نەتىجە بەرمىگەن تەقدىردە، ۋاشىنگتوننىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئورگانلىرىغا قارىتا نىشانلىق ئىقتىسادىي جازا ۋە ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دوكلاتتا يەنە ئامېرىكا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ، خىتايغا قاراتقان بېسىمنى كۈچەيتىش تەكلپ قىلىنغان. ئېنوس يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەركىبىدە ”سىياسىي مەھبۇسلارنى قوغداش ئىشخانىسى“ قۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا مەخسۇس ئەلچى تەيىنلەشنى تەكلپ قىلغان. ئۇ سىياسىي مەھبۇسلار ئۈچۈن، رەسمىي ”خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان“ دېگەن سالاھىيەت تەسىس قىلىشنىمۇ تەۋسىيە قىلغان. بىز بۈگۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئېلخەت يوللاپ، مەزكۇر تەكلپلەرگە قانداق قارايدىغانلىقىنى ۋە ترامپنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن بولىدىغان ئۇچرىشىشىدا سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ-قويمايدىغانلىقىنى سورىدۇق. ئەمما ھازىرغىچە بۇ ھەقتە جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق. دوكلاتتا يەنە ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بولىدىغان ھەر قانداق ئۇچرىشىشتا سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىسىملىرىنى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن. دوكلاتتا مەھبۇسلاردىن ئىلھام توختى، راھىلە داۋۇت ۋە ئەكبەر ئەسەتنىڭ ئىسىملىرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. ئۇندا يەنە تىبەت، خوڭكوڭ، خرىستىيان جەمئىيىتى ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش چاقىرىق قىلىنغان.

Download options
4 Sep 2026, 21:44 GMT شۆھرەت ھوشۇر

شۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى، شۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى بەختىنۇر ئابدۇرېھىم خانىم بۇ يىل 13-سېنتەبىر كۈنى شۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۆلەتلىك، شەھەرلىك ۋە رايونلۇق پارلامېنت سايلىمىدا، ستوكھولم شەھەرلىك كېڭەشنىڭ سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىگە تەۋە ۋەكىل بولدى. ئۇ مەزكۇر پارتىيەنىڭ نامزاتلار تىزىملىكىدە 18-ئورۇندا تۇرىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، بەختىنۇر خانىم نامزاتلىققا ئېرىشكەن سايلام رايونى ستوكھولمنىڭ غەربىي-شىمالىدىكى كۆپ خىل مەدەنىيەتلىك جاي بولۇپ، بۇ جايدا 74 مىڭ ئەتراپىدا ئاھالە ياشايدۇ، ئاھالىنىڭ 85% نى كۆچمەنلەر ئىگىلەيدۇ. بەختىنۇر خانىم ئويۇشتۇرغان سايلام پائالىيەتلىرىدە، ئۆزبېك قاتارلىق جامائەتلەرگە خىتاب قىلىپ، سايلامغا قاتنىشىشنىڭ كۆچمەنلەر جامائىتىنىڭ شۋېتسىيە ئىجتىمائىي-سىياسىي ھاياتىغا تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىشى ۋە ئۆز مەنپەئەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىپادىلىنىشى ئۈچۈن مۇھىم يول ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۇيغۇرلارغا قىلغان سۆزىدە بولسا، ئۆزى سايلانغان تەقدىردە، بۇ نەتىجىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شۋېتسىيەدىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ بىلىنىشى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنياغا تونۇلىشىغا ھەسسە قۇشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ھازىرغا قەدەر ستوكھولمدىكى ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك جامائىتىنىڭ بىر قىسىم پائالىيەتچىلىرى بەختىنۇر ئابدۇرېھىم خانىمنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ۋە ئۆز جامائىتىنى قوللاشقا دەۋەت قىلىپ بايانات ۋە چاقىرىقلار ئېلان قىلدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر سايلام نەتىجىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بەختىنۇر ئابدۇرېھىم خانىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندەك بىر ئىشغالىيەت زېمىنىدىن كېلىپ، ئەركىن دۇنيانىڭ سايلىمىغا قاتنىشىشقا جەسارەت قىلىشىنىڭ ئۆزىنى بىر ئۇتۇق دەپ قاراشماقتا ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر-ياش ئۆسمۈرلىرىگە ئىلھام بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

Download options
4 Sep 2026, 21:34 GMT شۆھرەت ھوشۇر

2022-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئېلان قىلىنغان مەزكۇر دوكلات ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ب د ت نىڭ ئەڭ ئەتراپلىق، ئەڭ ئېنىق دىئاگنوز قويۇشى بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىجرااتلىرىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئېھتىماللىقى بار دەپ بېكىتىلگەن ۋە دوكلاتتىكى باشقا باھالارمۇ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ قىرغىنچىلىققا ياتىدىغانلىقىنى ئىشارەتلىگەنىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن: ”تۆت يىللىق ھەرىكەتسىزلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا جاۋابكارلىقتىن تېخىمۇ ئۆزىنى قاچۇرۇشىغا ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشىنى كۈچەيتىشىگە ئالدىنى ئاچتى“ دېدى. ئۇيغۇرلارنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىسى ئارسلان ھىدايەت باياناتىدا، مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئېھتىماللىقى بېكىتىلگەن بولسىمۇ، بېيجىڭنىڭ ھازىرغىچە يېتەرلىك جاۋابكارلىققا تارتىلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ يۇمشاقلىقنىڭ خىتاينى تېخىمۇ جەسارەتلەندۈرگەنلىكى، ”مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى“ قاتارلىق ئاسسىمىلىلياتسىيە قوراللىرى ئارقىلىق قىرغىنچىلىقنى تېزلىتىشنىڭ يولىنى ئاچقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ب د ت نىڭ نۇپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان مەزكۇر ئۇيغۇر دوكلاتى ب د ت غا سۇنۇلغان چاغدا، خىتاي پۇتۈن دىپلوماتىك كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئېلان قىلىنىشىنى بىر يىل ئەتراپىدا كېچىكتۈرگەن ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىنىشىنى 17 گە قارشى 19 ئاۋاز بىلەن توسۇپ قالغان ئىدى. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى، مەزكۇر دوكلاتنى يېڭىلاپ، مەجبۇرىي ئەمگەك، داۋاملىشىۋاتقان تۇتقۇن ۋە چېگرا ھالقىغان دۆلەت باستۇرۇشىغا ئائىت يېڭى ئىسپاتلارنى قوشۇشقا چاقىردى؛ شۇنداقلا ئۆز دۆلەتلىرىدىكى شىركەتلەردىن تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلانغان-باغلانمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ب د ت نىڭ 2022-يىلىدىكى مەزكۇر دوكلاتىدا خىتايدىن خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قويۇپ بېرىش، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنغان ئىدى. يۇقىرىقى تەشكىلاتلار يەنە ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنى دىپلوماتىك، قانۇنىي ۋە ئىقتىسادىي تەدبىرلەر ئارقىلىق بېيجىڭنى ب د ت نىڭ مەزكۇر دوكلاتىدىكى تەۋسىيەلىرىنى قوبۇل قىلىشقا ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە چاقىردى. مەزكۇر تەشكىلاتلار باياناتلىرىدا ب د ت ئۇيغۇر دوكلاتىنىڭ ئىشقا يارىمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، يەنە بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر دوكلاتنىڭ خىتايغا مۇئەييەن بېسىم شەكىللەندۈرگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ ۋە خىتاينىڭ زور مەبلەغ ئاجرىتىپ سۈنئىي زىيارەتلەرنى تەشكىللىشى ۋە ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇشىنى ئەنە شۇ بېسىمنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ.

Download options
4 Sep 2026, 21:24 GMT شۆھرەت ھوشۇر

ئالدىنقى ئايدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، قەشقەردىكى بىر يەسلىدە بىر قىسىم بالىلارنىڭ روھىي ھالىتىدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلۈپ بوۋا-مومىسىنىڭ قولىغا ۋاقىتلىق تاپشۇرۇلغانلىقى ئېنىقلانغان ئىدى. يەسلىلەر ھەققىدە ئىلگىرىلەپ ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا بۇ يەسلىلەرنىڭ ئاشخانىلىرىدا قوي ۋە كالا گۆشى بىلەن بىرلىكتە چوشقا گۆشىنىڭمۇ ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى. بىز بۇ قېتىم پوسكامدىكى بىر يەسلى ساقچىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئۇنىڭدىن مەكتەپ ئاشخانىسىدا قانداق تاماقلار بېرىلىدىغانلىقىنى سورىدۇق. بۇ خادىم بىر قاتار ئۇيغۇرچە تاماقلار قاتارىدا خىتايچە شىفەن بېرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن ئىشلىتىلىدىغان گۆش تۈرلىرىنى سورىغىنىمىزدا، قوي ۋە كالا گۆشى بىلەن بىرلىكتە چوشقا گۆشىنىمۇ تىلغا ئالدى، بىز چوشقا گۆشى بار-يوقلۇقىنى تەكرار سورىغىنىمىزدا، ئۇ ”چوشقا گۆشىمۇ تەڭشەپ بېرىلىدۇ“ دەپ جاۋابىنى تەكرارلىدى. ئەمما ئۇ بۇ تەڭشەشنىڭ نېمىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلمىدى. ئاتۇشتىكى بىر ساقچى خادىمىمۇ ئۆزى مەسئۇل ياتاقلىق مەكتەپلەردە چوشقا گۆشى بېرىلىدىغانلىقىنى، گۆشنى ھالال-ھارام دەپ ئايرىشنىڭ مەكتەپتە خۇراپىيلىق دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. خىتاي 2014-يىلى دىنىي ”ئەسەبىيلىك“كە قارشى دولقۇن قوزغىغاندا، ئاھالىنىڭ يېمەكلىكنى ھالال-ھارام دەپ ئايرىشىنى دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ مۇھىم ئالامەتلىرىدىن بىرى دەپ بېكىتكەن، 2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندىمۇ ھالال-ھارامنى ئايرىغانلار ئوخشىمىغان مۇددەتتە قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. يەسلى ساقچىسى يەسلىلەردە چوشقا گۆشى ئىشلىتىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى ھەققىدە قوللىرىدا بىرەر ئۇقتۇرۇش بار-يوقلىقى، بۇ يەسلىلەردە چوشقا گۆشى ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىدىن بالىلارنىڭ تۈرمىلەردىكى ئاتا-ئانىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خەۋىرى بار-يوقلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.

Download options
4 Sep 2026, 21:13 GMT شۆھرەت ھوشۇر، تاھىر ئىزگىل

ساقچى خادىمى: ياتاقلىق يەسلى ئاشخانىسىدا چوشقا گۆشىمۇ تەڭشەپ ئىشلىتىلىدۇ ئالدىنقى ئايدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، قەشقەردىكى بىر يەسلىدە بىر قىسىم بالىلارنىڭ روھىي ھالىتىدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلۈپ بوۋا-مومىسىنىڭ قولىغا ۋاقىتلىق تاپشۇرۇلغانلىقى ئېنىقلانغان ئىدى. يەسلىلەر ھەققىدە ئىلگىرىلەپ ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا بۇ يەسلىلەرنىڭ ئاشخانىلىرىدا قوي ۋە كالا گۆشى بىلەن بىرلىكتە چوشقا گۆشىنىڭمۇ ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى. بىز بۇ قېتىم پوسكامدىكى بىر يەسلى ساقچىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئۇنىڭدىن مەكتەپ ئاشخانىسىدا قانداق تاماقلار بېرىلىدىغانلىقىنى سورىدۇق. بۇ خادىم بىر قاتار ئۇيغۇرچە تاماقلار قاتارىدا خىتايچە شىفەن بېرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن ئىشلىتىلىدىغان گۆش تۈرلىرىنى سورىغىنىمىزدا، قوي ۋە كالا گۆشى بىلەن بىرلىكتە چوشقا گۆشىنىمۇ تىلغا ئالدى، بىز چوشقا گۆشى بار-يوقلۇقىنى تەكرار سورىغىنىمىزدا، ئۇ ”چوشقا گۆشىمۇ تەڭشەپ بېرىلىدۇ“ دەپ جاۋابىنى تەكرارلىدى. ئەمما ئۇ بۇ تەڭشەشنىڭ نېمىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلمىدى. ئاتۇشتىكى بىر ساقچى خادىمىمۇ ئۆزى مەسئۇل ياتاقلىق مەكتەپلەردە چوشقا گۆشى بېرىلىدىغانلىقىنى، گۆشنى ھالال-ھارام دەپ ئايرىشنىڭ مەكتەپتە خۇراپىيلىق دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. خىتاي 2014-يىلى دىنىي ”ئەسەبىيلىك“كە قارشى دولقۇن قوزغىغاندا، ئاھالىنىڭ يېمەكلىكنى ھالال-ھارام دەپ ئايرىشىنى دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ مۇھىم ئالامەتلىرىدىن بىرى دەپ بېكىتكەن، 2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندىمۇ ھالال-ھارامنى ئايرىغانلار ئوخشىمىغان مۇددەتتە قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. يەسلى ساقچىسى يەسلىلەردە چوشقا گۆشى ئىشلىتىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى ھەققىدە قوللىرىدا بىرەر ئۇقتۇرۇش بار-يوقلىقى، بۇ يەسلىلەردە چوشقا گۆشى ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىدىن بالىلارنىڭ تۈرمىلەردىكى ئاتا-ئانىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خەۋىرى بار-يوقلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ب د ت ئۇيغۇر دوكلاتىنىڭ تۆت يىللىقىدا خەلقئارادىن ئەمەلىي ھەرىكەت تەلەپ قىلدى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇرلارنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ب د ت نىڭ ئۇيغۇر دوكلاتى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ تۆت يىللىقىنى خاتىرىلەپ بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنى خىتايغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتىشكە ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە چاقىردى. 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئېلان قىلىنغان مەزكۇر دوكلات ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ب د ت نىڭ ئەڭ ئەتراپلىق، ئەڭ ئېنىق دىئاگنوز قويۇشى بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىجرااتلىرىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئېھتىماللىقى بار دەپ بېكىتىلگەن ۋە دوكلاتتىكى باشقا باھالارمۇ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ قىرغىنچىلىققا ياتىدىغانلىقىنى ئىشارەتلىگەنىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن: ”تۆت يىللىق ھەرىكەتسىزلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا جاۋابكارلىقتىن تېخىمۇ ئۆزىنى قاچۇرۇشىغا ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشىنى كۈچەيتىشىگە ئالدىنى ئاچتى“ دېدى. ئۇيغۇرلارنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىسى ئارسلان ھىدايەت باياناتىدا، مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئېھتىماللىقى بېكىتىلگەن بولسىمۇ، بېيجىڭنىڭ ھازىرغىچە يېتەرلىك جاۋابكارلىققا تارتىلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ يۇمشاقلىقنىڭ خىتاينى تېخىمۇ جەسارەتلەندۈرگەنلىكى، ”مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى“ قاتارلىق ئاسسىمىلىلياتسىيە قوراللىرى ئارقىلىق قىرغىنچىلىقنى تېزلىتىشنىڭ يولىنى ئاچقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ب د ت نىڭ نۇپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان مەزكۇر ئۇيغۇر دوكلاتى ب د ت غا سۇنۇلغان چاغدا، خىتاي پۇتۈن دىپلوماتىك كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئېلان قىلىنىشىنى بىر يىل ئەتراپىدا كېچىكتۈرگەن ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىنىشىنى 17 گە قارشى 19 ئاۋاز بىلەن توسۇپ قالغان ئىدى. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى، مەزكۇر دوكلاتنى يېڭىلاپ، مەجبۇرىي ئەمگەك، داۋاملىشىۋاتقان تۇتقۇن ۋە چېگرا ھالقىغان دۆلەت باستۇرۇشىغا ئائىت يېڭى ئىسپاتلارنى قوشۇشقا چاقىردى؛ شۇنداقلا ئۆز دۆلەتلىرىدىكى شىركەتلەردىن تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلانغان-باغلانمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ب د ت نىڭ 2022-يىلىدىكى مەزكۇر دوكلاتىدا خىتايدىن خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قويۇپ بېرىش، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنغان ئىدى. يۇقىرىقى تەشكىلاتلار يەنە ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنى دىپلوماتىك، قانۇنىي ۋە ئىقتىسادىي تەدبىرلەر ئارقىلىق بېيجىڭنى ب د ت نىڭ مەزكۇر دوكلاتىدىكى تەۋسىيەلىرىنى قوبۇل قىلىشقا ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە چاقىردى. مەزكۇر تەشكىلاتلار باياناتلىرىدا ب د ت ئۇيغۇر دوكلاتىنىڭ ئىشقا يارىمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، يەنە بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر دوكلاتنىڭ خىتايغا مۇئەييەن بېسىم شەكىللەندۈرگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ ۋە خىتاينىڭ زور مەبلەغ ئاجرىتىپ سۈنئىي زىيارەتلەرنى تەشكىللىشى ۋە ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇشىنى ئەنە شۇ بېسىمنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ. بەختىنۇر ئابدۇرېھىم ستوكھولمنىڭ رايونلۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇش ئۈچۈن سايلام تەييارلىقىدا شۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى، شۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى بەختىنۇر ئابدۇرېھىم خانىم بۇ يىل 13-سېنتەبىر كۈنى شۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۆلەتلىك، شەھەرلىك ۋە رايونلۇق پارلامېنت سايلىمىدا، ستوكھولم شەھەرلىك كېڭەشنىڭ سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىگە تەۋە ۋەكىل بولدى. ئۇ مەزكۇر پارتىيەنىڭ نامزاتلار تىزىملىكىدە 18-ئورۇندا تۇرىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، بەختىنۇر خانىم نامزاتلىققا ئېرىشكەن سايلام رايونى ستوكھولمنىڭ غەربىي-شىمالىدىكى كۆپ خىل مەدەنىيەتلىك جاي بولۇپ، بۇ جايدا 74 مىڭ ئەتراپىدا ئاھالە ياشايدۇ، ئاھالىنىڭ 85% نى كۆچمەنلەر ئىگىلەيدۇ. بەختىنۇر خانىم ئويۇشتۇرغان سايلام پائالىيەتلىرىدە، ئۆزبېك قاتارلىق جامائەتلەرگە خىتاب قىلىپ، سايلامغا قاتنىشىشنىڭ كۆچمەنلەر جامائىتىنىڭ شۋېتسىيە ئىجتىمائىي-سىياسىي ھاياتىغا تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىشى ۋە ئۆز مەنپەئەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىپادىلىنىشى ئۈچۈن مۇھىم يول ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۇيغۇرلارغا قىلغان سۆزىدە بولسا، ئۆزى سايلانغان تەقدىردە، بۇ نەتىجىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شۋېتسىيەدىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ بىلىنىشى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنياغا تونۇلىشىغا ھەسسە قۇشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ھازىرغا قەدەر ستوكھولمدىكى ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك جامائىتىنىڭ بىر قىسىم پائالىيەتچىلىرى بەختىنۇر ئابدۇرېھىم خانىمنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ۋە ئۆز جامائىتىنى قوللاشقا دەۋەت قىلىپ بايانات ۋە چاقىرىقلار ئېلان قىلدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر سايلام نەتىجىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بەختىنۇر ئابدۇرېھىم خانىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندەك بىر ئىشغالىيەت زېمىنىدىن كېلىپ، ئەركىن دۇنيانىڭ سايلىمىغا قاتنىشىشقا جەسارەت قىلىشىنىڭ ئۆزىنى بىر ئۇتۇق دەپ قاراشماقتا ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر-ياش ئۆسمۈرلىرىگە ئىلھام بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. كۆزەتكۈچىلەر: ترامپ-شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشىدا سىيسسى مەھبۇسلار تېمىسى ئالاھىدە مۇھىم پرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ۋاشىنگتوندا كۆرۈشۈشى ئالدىدا، كۆزەتكۈچىلەرترامپنى ۋاشىنگتوننىڭ دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي كۆزىرلىرىدىن پايدىلىنىپ، مەھبۇس ئۇيغۇر دوختۇر گۈلشەن ئابباسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرماقتا. خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى مايكېل سوبولىك ۋە ئولىۋىيا ئېنوس 2-سېنتەبىر ”ۋاشىنگتون ئېكزامىنەر“ گېزىتىدە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تاموژنا بېجى ۋە خىتاينىڭ مۇھىم مىنېرااللار ئېكسپورتى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن مۇھىم كۆزۈر بولالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ترامپ بۇ يىل مايدا بېيجىڭغا قىلغان زىيارىتى ئەسناسىدا تۇتقۇندىكى پوپ ئېزرا جىننىڭ دېلوسىنى شى جىنپىڭغا بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى ئارىدىن ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئۆتۈپ، ئۇنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قويۇپ بەرگەن ۋە ئۇنىڭ گۇاڭجۇ ئارقىلىق لوس ئانجېلېسقا ئۇچۇپ، ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىغا يول قويغان. ئاپتورلار جىننىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى، ئايرىم سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ دېلوسىنى شى جىنپىڭغا بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ نەتىجىلىك بولۇش مۇمكىنلىكىنىڭ بىر ئىسپاتى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇلار ترامپنى ئالدىمىزدىكى ئۇچرىشىشتا گۈلشەن ئابباس دېلوسىنىمۇ تىلغا ئېلىشقا چاقىردى. يۇقۇرىقى ماقالىلاردا گۈلشەن ئابباسنىڭ قېرىنداشلىرى، ئىككى قىزى ۋە بىرنەچچە نەۋرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 24 ئائىلە ئەزاسىنىڭ ئامېرىكا پۇقراسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىندى. بۇ نۇقتىدىن گۈلشەن ئابباس مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئەمەس ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، گۈلشەن ئابباسنىڭ قويۇپ بېرىلىپ-بېرىلمەسلىكىنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئىمتىھان خاراكتېرلىك مەسىلە قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلدى. ئولىۋىيا ئېنوس 20-ئاۋغۇست خۇدسون ئىنستىتۇتىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، دىپلوماتىك تىرىشچانلىق نەتىجە بەرمىگەن تەقدىردە، ۋاشىنگتوننىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئورگانلىرىغا قارىتا نىشانلىق ئىقتىسادىي جازا ۋە ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دوكلاتتا يەنە ئامېرىكا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ، خىتايغا قاراتقان بېسىمنى كۈچەيتىش تەكلپ قىلىنغان. ئېنوس يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەركىبىدە ”سىياسىي مەھبۇسلارنى قوغداش ئىشخانىسى“ قۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا مەخسۇس ئەلچى تەيىنلەشنى تەكلپ قىلغان. ئۇ سىياسىي مەھبۇسلار ئۈچۈن، رەسمىي ”خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان“ دېگەن سالاھىيەت تەسىس قىلىشنىمۇ تەۋسىيە قىلغان. بىز بۈگۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئېلخەت يوللاپ، مەزكۇر تەكلپلەرگە قانداق قارايدىغانلىقىنى ۋە ترامپنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن بولىدىغان ئۇچرىشىشىدا سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ-قويمايدىغانلىقىنى سورىدۇق. ئەمما ھازىرغىچە بۇ ھەقتە جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق. دوكلاتتا يەنە ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بولىدىغان ھەر قانداق ئۇچرىشىشتا سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىسىملىرىنى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن. دوكلاتتا مەھبۇسلاردىن ئىلھام توختى، راھىلە داۋۇت ۋە ئەكبەر ئەسەتنىڭ ئىسىملىرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. ئۇندا يەنە تىبەت، خوڭكوڭ، خرىستىيان جەمئىيىتى ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش چاقىرىق قىلىنغان. مەمەت توختى: خەلقئارا قانۇن بويىچە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل دۆلەت بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە 26- ۋە 27-ئاۋغۇست، ۋەكىلسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنى قايتا تەسەۋۋۇر قىلىش» ناملىق ئىككى كۈنلۈك خەلقئارالىق يىغىن گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ (گائاگا) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى، سىياسىي ۋەكىللىك ھوقۇقى ھەمدە خەلقلەرنىڭ ئۆز سىياسىي كەلگۈسىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. كانادادا تۇرۇشلۇق تونۇلغان سىياسىي ئاكتىپ مەمەت توختى «دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى: شەرقىي تۈركىستان ئۆرنىكى» دېگەن ماۋزۇدا سۆز قىلدى. بۇ سۆزىدە ئۇ كانادالىق خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ئادۋوكاتى داۋىد ماتاس 2022-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان مۇنداق قانۇنىي ئاساسلارغا تايانغان: ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ ئۆزىلا بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئاپتوماتىك ھالدا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ؛ ئامما بىر مىللەت ئېغىر، ئۈزلۈكسىز ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىغاندا، مەۋجۇت دۆلەت ئىچىدە ئۈنۈملۈك قوغداشقا ئېرىشەلمىگەندە ھەمدە ئىچكى قىسىمدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش يوللىرى تولۇق ئېتىلگەندە، بۇ ھوقۇق تاشقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا، يەنى مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئايلىنىشى مۇمكىن. مەمەت توختى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىگە قايتۇرغان ئىنكاسىدا، ئالاند، كاتانگا، كۆبەك، كوسوۋو قاتارلىق جايلارغا ئائىت خەلقئارا قانۇن مىساللىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ”ئۇيغۇرلار ھازىر قاتمۇ قات زۇلۇم، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە خىتاي يېڭى چىقارغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ئاساسەن يوق بولۇش گىرداۋىغا قاراپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى قوغداش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم. ئىككىنجىدىن، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ۋە ھەرقانداق جەھەتتە قارار بېرىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ساقلاپ قېلىنىشى پەقەت دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. خەلقئارا قانۇن بۇنىڭغا تامامەن يول قويىدۇ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بىلەن مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى تەڭ قىممەتكە ئىگە. " يىغىنغا ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە دوكلاتچىسى نىكولاس لېۋرات (Nicolas Levrat) ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى بويىچە ئالاھىدە دوكلاتچى سۇريا دېۋا (Surya Deva) قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى. زۇمرەتئاي ئەركىن ۋەكىلسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىقىغا لىكىگە سايلاندى 29- ۋە 30-ئاۋغۇست، گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ (گائاگا) شەھىرىدە ۋەكىلسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى (UNPO) نىڭ 21-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا مەزكۇر تەشكىلات قۇرۇلغانلىقىنىڭ 35 يىللىقى تەبرىكلىنىش بىلەن بىرگە سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىر نەپەر رەئىس، ئىككى نەپەر مۇئاۋىن رەئىس، باش كاتىپ ۋە يەتتە نەپەر ئىدارە ھەيئىتى ئەزاسىدىن تەشكىل تاپقان يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپى سايلاپ چىقىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن ئىدارە ھەيئىتى ئەزالىقىغا سايلىنىپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىن ئورۇن ئالدى. تەشكىلات نىزامىسىغا ئاساسەن، ئىدارە ھەيئىتى بەلگىلەنگەن سىياسەتلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىدۇ ھەمدە باش كاتىپ بىلەن بىرلىكتە تەشكىلات پائالىيەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بىلەن ئۇيغۇر دېموكراتىيەۋە ئىنسان ھەقلىرى مەركىزىنىڭ رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسامۇ ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە يىغىنغا قاتناشتى. ئىگىلىنىشىچە، ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى 2001-يىلى ب د ت دا رەسمىي ۋەكىللىرى يوق مىللەت ۋە خەلقلەرنى خەلقئار تەشەببۇس سەھنىسى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۇنجى رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىن قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى. 2017-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، شۇ چاغدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇھىم ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ بۇ قېتىم رەھبەرلىك قاتلىمىغا كىرىشى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ تەشكىلات بىلەن بولغان سىجىل ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ھەمدە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ بۇ تەشكىلاتتىكى ئاكتىپ رولىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئەنگىلىيە شۆبىسىنىڭ «ئۇيغۇرلارغا ھەمدەم بولۇش ئېيى» پائالىيىتى ئاخىرلاشتى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئەنگىلىيە شۆبىسى (Amnesty International UK) ئاۋغۇست ئېيى بويىچە ئېلىپ بارغان «ئۇيغۇرلارغا ھەمدەم بولۇش ئېيى» (Uyghur Solidarity Month) پائالىيىتى 31-ئاۋغۇست ئاخىرلاشتى. تولۇق بىر ئاي داۋاملاشقان مەزكۇر پائالىيەت جەريانىدا، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ پەقەت ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگىلا مەركەزلەشكەن تەشۋىقات ئۇسۇلىدىن پەرقلىق ھالدا، مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش بىلەن ئىنسان ھەقلىرى تەشەببۇسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە مەزمۇنلارنى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقاردى؛ ھەر كۈنى بىر ئۇيغۇرچە سۆز-ئاتالغۇنى تونۇشتۇردى ھەمدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، مۇزىكىسى، سەنئىتى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ئەنگىلىيە جامائىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، ئەنئەنىسى ۋە رېئال ۋەزىيىتىنى چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولدى. ئەنگىلىيەدىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ يەرلىك گۇرۇپپىلىرىمۇ مەھەللە پائالىيەتلىرى، مەكتۇپ يېزىش، ئورتاق ئىمزا قويۇش ھەمدە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان شەكىللەر ئارقىلىق بۇ تەشەببۇسقا ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى. تۆت يىل ئىلگىرىكى، يەنى 2022-يىلى 31-ئاۋغۇست، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى باھالاش دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ قېتىمقى ”ئۇيغۇرلارغا ھەمدەم بولۇش ئېيى“نىڭ تۆت يىلدىن كېيىنكى دەل شۇ كۈنى ئاخىرلاشقانلىقى تېخى ھەل بولمىغان بۇ ئىنسان ھەقلىرى كىرىزىسىنى يەنە بىر قېتىم دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

Download options
1 Sep 2026, 20:58 GMT تاھىر ئىزگىل

تولۇق بىر ئاي داۋاملاشقان مەزكۇر پائالىيەت جەريانىدا، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ پەقەت ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگىلا مەركەزلەشكەن تەشۋىقات ئۇسۇلىدىن پەرقلىق ھالدا، مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش بىلەن ئىنسان ھەقلىرى تەشەببۇسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە مەزمۇنلارنى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقاردى؛ ھەر كۈنى بىر ئۇيغۇرچە سۆز-ئاتالغۇنى تونۇشتۇردى ھەمدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، مۇزىكىسى، سەنئىتى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ئەنگىلىيە جامائىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، ئەنئەنىسى ۋە رېئال ۋەزىيىتىنى چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولدى. ئەنگىلىيەدىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ يەرلىك گۇرۇپپىلىرىمۇ مەھەللە پائالىيەتلىرى، مەكتۇپ يېزىش، ئورتاق ئىمزا قويۇش ھەمدە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان شەكىللەر ئارقىلىق بۇ تەشەببۇسقا ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى. تۆت يىل ئىلگىرىكى، يەنى 2022-يىلى 31-ئاۋغۇست، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى باھالاش دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ قېتىمقى ”ئۇيغۇرلارغا ھەمدەم بولۇش ئېيى“نىڭ تۆت يىلدىن كېيىنكى دەل شۇ كۈنى ئاخىرلاشقانلىقى تېخى ھەل بولمىغان بۇ ئىنسان ھەقلىرى كىرىزىسىنى يەنە بىر قېتىم دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

Download options
1 Sep 2026, 20:54 GMT تاھىر ئىزگىل

بۇ قېتىمقى يىغىندا مەزكۇر تەشكىلات قۇرۇلغانلىقىنىڭ 35 يىللىقى تەبرىكلىنىش بىلەن بىرگە سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىر نەپەر رەئىس، ئىككى نەپەر مۇئاۋىن رەئىس، باش كاتىپ ۋە يەتتە نەپەر ئىدارە ھەيئىتى ئەزاسىدىن تەشكىل تاپقان يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپى سايلاپ چىقىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن ئىدارە ھەيئىتى ئەزالىقىغا سايلىنىپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىن ئورۇن ئالدى. تەشكىلات نىزامىسىغا ئاساسەن، ئىدارە ھەيئىتى بەلگىلەنگەن سىياسەتلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىدۇ ھەمدە باش كاتىپ بىلەن بىرلىكتە تەشكىلات پائالىيەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بىلەن ئۇيغۇر دېموكراتىيەۋە ئىنسان ھەقلىرى مەركىزىنىڭ رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسامۇ ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە يىغىنغا قاتناشتى. ئىگىلىنىشىچە، ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى 2001-يىلى ب د ت دا رەسمىي ۋەكىللىرى يوق مىللەت ۋە خەلقلەرنى خەلقئار تەشەببۇس سەھنىسى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۇنجى رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىن قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى. 2017-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شۇ چاغدىكى رەئىسى دولقۇن ئەيسا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇھىم ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ بۇ قېتىم رەھبەرلىك قاتلىمىغا كىرىشى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ تەشكىلات بىلەن بولغان سىجىل ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ھەمدە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ بۇ تەشكىلاتتىكى ئاكتىپ رولىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

Download options
1 Sep 2026, 20:50 GMT تاھىر ئىزگىل

26- ۋە 27-ئاۋغۇست، ۋەكىلسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنى قايتا تەسەۋۋۇر قىلىش» ناملىق ئىككى كۈنلۈك خەلقئارالىق يىغىن گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ (گائاگا) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى، سىياسىي ۋەكىللىك ھوقۇقى ھەمدە خەلقلەرنىڭ ئۆز سىياسىي كەلگۈسىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. كانادادا تۇرۇشلۇق تونۇلغان سىياسىي ئاكتىپ مەمەت توختى «دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى: شەرقىي تۈركىستان مىسالى» دېگەن ماۋزۇدا سۆز قىلدى. بۇ سۆزىدە ئۇ كانادالىق خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ئادۋوكاتى داۋىد ماتاس 2022-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان مۇنداق قانۇنىي ئاساسلارغا تايانغان: ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ ئۆزىلا بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئاپتوماتىك ھالدا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ؛ ئامما بىر مىللەت ئېغىر، ئۈزلۈكسىز ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىغاندا، مەۋجۇت دۆلەت ئىچىدە ئۈنۈملۈك قوغداشقا ئېرىشەلمىگەندە ھەمدە ئىچكى قىسىمدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش يوللىرى تولۇق ئېتىلگەندە، بۇ ھوقۇق تاشقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا، يەنى مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئايلىنىشى مۇمكىن. مەمەت توختى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىگە قايتۇرغان ئىنكاسىدا، ئالاند، كاتانگا، كۆبەك، كوسوۋو قاتارلىق جايلارغا ئائىت خەلقئارا قانۇن مىساللىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ”ئۇيغۇرلار ھازىر قاتمۇ قات زۇلۇم، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە خىتاي يېڭى چىقارغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ئاساسەن يوق بولۇش گىرداۋىغا قاراپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى قوغداش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم. ئىككىنجىدىن، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ۋە ھەرقانداق جەھەتتە قارار بېرىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ساقلاپ قېلىنىشى پەقەت دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. خەلقئارا قانۇن بۇنىڭغا تامامەن يول قويىدۇ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بىلەن مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى تەڭ قىممەتكە ئىگە. " يىغىنغا ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە دوكلاتچىسى نىكولاس لېۋرات (Nicolas Levrat) ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى بويىچە ئالاھىدە دوكلاتچى سۇريا دېۋا (Surya Deva) قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى.

Download options
28 Aug 2026, 20:13 GMT تاھىر ئىزگىل

ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمە رايونىدا 3-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مەھەللە ئويۇنلىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر پەرزەنتى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ باشقا تۈرلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بۇ پائالىيەت مارشال فەۋزى چاقماق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ قورۇسىدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە دائىر قامۇس ۋە باشقا مەنبەلەردىن تاللانغان 32 خىل ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنى نامايەن قىلىندى. تەشكىللىگۈچىلەر بۇ 32 خىل ئويۇننى 60 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشقا ئالدىن ئۆگەتكەن بولۇپ، ئۇلار پائالىيەت كۈنى بۇ ئويۇنلارنى بالىلارغا ئۆگەتتى ۋە بىللە ئوينىدى. نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر رادىيومىز زىيارىتىدە قىلغان سۆزىدە، بۇ پائالىيەتنىڭ پەقەت بالىلارنىڭ كۆڭۈللۈك ئوينىشىنىلا مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى، بەلكى مۇھاجىرەتتە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئانا تىلى، مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكى بىلەن بولغان باغلىنىشىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى يوقىتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، چەت ئەللەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى «ئاسسىمىلياتسىيەگە قارشى كۈرەشنىڭ بىر قىسمى» دەپ تەسۋىرلىدى. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇساجان ئەر ئۆز ۋەتىنىدىن يىراقتا تۇغۇلغان ياكى ئۆسۈۋاتقان بۇ بالىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇشىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئۇلارنى ئۆز تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە قىممەت قاراشلىرى بىلەن باغلاشقا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ پائالىيەتتە بالىلار مەھەللە ئويۇنلىرىنى ئويناشتىن باشقا يەنە مىللىي كىيىم-كېچەك، ئېغىز ئەدەبىياتى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە ئەنئەنىۋى غىزا-تائام قاتارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئوخشىمىغان ئامىللىرى بىلەنمۇ تونۇشتى. بۇ پائالىيەت تۈركىيەدىكى بىر قىسىم غوللۇق ئاخبارات ۋاسىتىلرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، س ن ن تۈرك، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى، ھۆرىيەت گېزىتى قاتارلىقلار بۇ پائالىيەت ھەققىدە مەخسۇس خەۋەرلەرنى ئىشلىدى.

Download options
28 Aug 2026, 20:06 GMT تاھىر ئىزگىل

”خىتاي كۈندىلىك گېزىتى“ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ”2026 خىتاي بىلەن ئۇچرىشىش- شىنجاڭ بىلەن ئۇچرىشىش» ناملىق مەزكۇر پائالىيەتكە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا، ھىندىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق 13 دۆلەتتىن كەلگەن 16 چەت ئەللىك ژۇرنالىست، مۇتەخەسسىس، تور چولپىنى ۋە Z ئەۋلاد (رەقەملىك ئۇچۇر دەۋرىگە تەۋە ياشلار-ئۆسمۈرلەر) ۋەكىللىرى قاتناشقان. ئۇلار خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچى، سانجى قاتارلىق جايلاردا يەتتە كۈنلۈك زىيارەت ئېلىپ بارىدىكەن. خىتاي تەرەپ بۇ زىيارەت ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ «سانائەت ھاياتىي كۈچى، ئىنسانىي ئىللىقلىقى ۋە ئېچىۋېتىلگەن قىياپىتى»نى دۇنياغا كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. زىيارەت پروگراممىسىغا ساياھەت نۇقتىلىرى، كارخانىلار، مەدەنىيەت ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، يېزا-كەنت تەرەققىيات تۈرلىرى قاتارلىق ئالدىن تاللانغان ئورۇنلار كىرگۈزۈلگەن. ”خىتاي كۈندىلىك گېزىتى“نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل خەلقئارالىق تاراتقۇ زىيارىتى 2021-يىلى باشلانغاندىن بۇيان بەش قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 40 تىن ئارتۇق دۆلەتتىن يۈزلىگەن چەت ئەللىك قاتناشقۇچى تەكلىپ قىلىنغان ۋە 10 مىڭدىن ئارتۇق تاراتقۇ مەھسۇلاتى تارقىتىلغان. ھالبۇكى، ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل زىيارەتلەردە چەت ئەللىك مېھمانلار كۆرىدىغان ئورۇن ۋە ئۇچرىشىدىغان كىشىلەرنى قاتتىق كونترول قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر ۋە ب د ت ئىنسان ھەقلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ رايوندا ئەركىن ۋە چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويماي كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللىك ژۇرنالىست، دىپلومات ۋە تور داڭلىقلىرىنى زىيارەتكە تەشكىللىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق، دىنىي ۋە مەدەنىي باستۇرۇش قاتارلىق ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدىكى خەلقئارا تەنقىدلەرگە قارشى «نورمال ۋە گۈللەنگەن شىنجاڭ» ئوبرازىنى يارىتىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارالماقتا.

Download options
28 Aug 2026, 19:34 GMT تاھىر ئىزگىل

2026-يىللىق ”گراسىيېلا فېرناندېز مېيخىدې Fernández Meijide Graciela ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلار مۇكاپاتى“نى تارقىتىش مۇراسىمى 23-ئاۋغۇست بۇئېنوس ئايرېستا ئۆتكۈزۈلدى. ئارگېنتىنادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى ”لاتىن ئامېرىكىسىنى ئېچىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مەركىزى“ (CADAL) تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان بۇ مۇكاپاتقا بۇيىل فېۋرالدا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچى، يازغۇچى ۋە مۇھەررىر يالقۇن روزىنىڭ ئېرىشكەنلىكى ئېلان قىلىنغانىدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى»نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، شۇنداقلا ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەركىزىنىڭ رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا قاتارلىقلار مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، يالقۇن روزىنىڭ ئائىلىسىگە ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالدى. دوكتور رىشات ئابباس مۇكاپاتنى قوبۇل قىلىش نۇتقى سۆزلىدى. كادال تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مۇكاپات سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۈرمىگە تاشلانغان، ئەمما خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يېتەرلىك دىققىتىگە ئېرىشەلمىگەن شەخسلەرگە بولغان دىققەتنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن. 2026-يىلى بۇ مۇكاپاتنىڭ تاللاش دائىرىسى تۇنجى قېتىم لاتىن ئامېرىكىسىدىن پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيتىلگەن. بۇ يىللىق مۇكاپاتقا يالقۇن زورىدىن باشقا يەنە ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى ۋە شىمالىي كورېيەدىن بولغان سىياسىي مەھبۇسلارمۇ ئېرىشكەن. باھالاش ھەيئىتى يالقۇن روزىنىڭ دېلوسىنى «زوراۋانلىقسىز مەدەنىيەت تەشەببۇسى»نىڭ باستۇرۇلۇشىنى نامايان قىلىدىغان بىر مىسال، دەپ قارىغان. يالقۇن روزى ئىلگىرى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىدا خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئۇزۇن يىل ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك نەشرىيات ۋە مائارىپ خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، شۇنداقلا كۆپلىگەن ئۇيغۇرچە دەرسلىك ۋە ئوقۇشلۇقلارنى تۈزۈش ۋە تەھرىرلەشكە قاتناشقان. ئۇ 2016-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، 2018-يىلى خىتاي سوتى تەرىپىدىن «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ”گراسىيېلا فېرناندېز مېيخىدې ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلار مۇكاپاتى“ 2023-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئارگېنتىنالىق مەشھۇر ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى گراسىيېلا فېرناندېز مېيخىدېنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. 1976-يىلى ئارگېنتىنادا ھەربىي دىكتاتۇر ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە ئۇنىڭ ئوغلى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۇزۇن يىل ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.

Download options
28 Aug 2026, 19:18 GMT تاھىر ئىزگىل

خىتاي تۈرمىسىدىكى ئوبزورچى يالقۇن روزى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى 2026-يىللىق ”گراسىيېلا فېرناندېز مېيخىدې Fernández Meijide Graciela ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلار مۇكاپاتى“نى تارقىتىش مۇراسىمى 23-ئاۋغۇست بۇئېنوس ئايرېستا ئۆتكۈزۈلدى. ئارگېنتىنادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى ”لاتىن ئامېرىكىسىنى ئېچىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مەركىزى“ (CADAL) تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان بۇ مۇكاپاتقا بۇيىل فېۋرالدا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچى، يازغۇچى ۋە مۇھەررىر يالقۇن روزىنىڭ ئېرىشكەنلىكى ئېلان قىلىنغانىدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى»نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، شۇنداقلا ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەركىزىنىڭ رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا قاتارلىقلار مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، يالقۇن روزىنىڭ ئائىلىسىگە ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالدى. دوكتور رىشات ئابباس مۇكاپاتنى قوبۇل قىلىش نۇتقى سۆزلىدى. كادال تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مۇكاپات سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۈرمىگە تاشلانغان، ئەمما خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يېتەرلىك دىققىتىگە ئېرىشەلمىگەن شەخسلەرگە بولغان دىققەتنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن. 2026-يىلى بۇ مۇكاپاتنىڭ تاللاش دائىرىسى تۇنجى قېتىم لاتىن ئامېرىكىسىدىن پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيتىلگەن. بۇ يىللىق مۇكاپاتقا يالقۇن زورىدىن باشقا يەنە ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى ۋە شىمالىي كورېيەدىن بولغان سىياسىي مەھبۇسلارمۇ ئېرىشكەن. باھالاش ھەيئىتى يالقۇن روزىنىڭ دېلوسىنى «زوراۋانلىقسىز مەدەنىيەت تەشەببۇسى»نىڭ باستۇرۇلۇشىنى نامايان قىلىدىغان بىر مىسال، دەپ قارىغان. يالقۇن روزى ئىلگىرى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىدا خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئۇزۇن يىل ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك نەشرىيات ۋە مائارىپ خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، شۇنداقلا كۆپلىگەن ئۇيغۇرچە دەرسلىك ۋە ئوقۇشلۇقلارنى تۈزۈش ۋە تەھرىرلەشكە قاتناشقان. ئۇ 2016-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، 2018-يىلى خىتاي سوتى تەرىپىدىن «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ”گراسىيېلا فېرناندېز مېيخىدې ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلار مۇكاپاتى“ 2023-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئارگېنتىنالىق مەشھۇر ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى گراسىيېلا فېرناندېز مېيخىدېنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. 1976-يىلى ئارگېنتىنادا ھەربىي دىكتاتۇر ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە ئۇنىڭ ئوغلى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۇزۇن يىل ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. خىتاي دائىرىلىرى چەت ئەللىك تاراتقۇ خادىملىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە تەشكىللىدى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللىك ژۇرنالىست ۋە تەسىرى بار تورچىلارنى شەرقىي تۈركىستانغا تەشكىللىك زىيارەتكە ئېلىپ بېرىش پائالىيىتى 25-ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە باشلانغان. ”خىتاي كۈندىلىك گېزىتى“ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ”2026 خىتاي بىلەن ئۇچرىشىش- شىنجاڭ بىلەن ئۇچرىشىش» ناملىق مەزكۇر پائالىيەتكە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا، ھىندىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق 13 دۆلەتتىن كەلگەن 16 چەت ئەللىك ژۇرنالىست، مۇتەخەسسىس، تور چولپىنى ۋە Z ئەۋلاد (رەقەملىك ئۇچۇر دەۋرىگە تەۋە ياشلار-ئۆسمۈرلەر) ۋەكىللىرى قاتناشقان. ئۇلار خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچى، سانجى قاتارلىق جايلاردا يەتتە كۈنلۈك زىيارەت ئېلىپ بارىدىكەن. خىتاي تەرەپ بۇ زىيارەت ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ «سانائەت ھاياتىي كۈچى، ئىنسانىي ئىللىقلىقى ۋە ئېچىۋېتىلگەن قىياپىتى»نى دۇنياغا كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. زىيارەت پروگراممىسىغا ساياھەت نۇقتىلىرى، كارخانىلار، مەدەنىيەت ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، يېزا-كەنت تەرەققىيات تۈرلىرى قاتارلىق ئالدىن تاللانغان ئورۇنلار كىرگۈزۈلگەن. ”خىتاي كۈندىلىك گېزىتى“نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل خەلقئارالىق تاراتقۇ زىيارىتى 2021-يىلى باشلانغاندىن بۇيان بەش قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 40 تىن ئارتۇق دۆلەتتىن يۈزلىگەن چەت ئەللىك قاتناشقۇچى تەكلىپ قىلىنغان ۋە 10 مىڭدىن ئارتۇق تاراتقۇ مەھسۇلاتى تارقىتىلغان. ھالبۇكى، ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل زىيارەتلەردە چەت ئەللىك مېھمانلار كۆرىدىغان ئورۇن ۋە ئۇچرىشىدىغان كىشىلەرنى قاتتىق كونترول قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر ۋە ب د ت ئىنسان ھەقلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ رايوندا ئەركىن ۋە چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويماي كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللىك ژۇرنالىست، دىپلومات ۋە تور داڭلىقلىرىنى زىيارەتكە تەشكىللىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق، دىنىي ۋە مەدەنىي باستۇرۇش قاتارلىق ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدىكى خەلقئارا تەنقىدلەرگە قارشى «نورمال ۋە گۈللەنگەن شىنجاڭ» ئوبرازىنى يارىتىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارالماقتا. ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مەھەللە ئويۇنلىرى پائالىيىتىگە مىڭلارچە بالا قاتناشتى ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمە رايونىدا 3-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مەھەللە ئويۇنلىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر پەرزەنتى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ باشقا تۈرلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بۇ پائالىيەت مارشال فەۋزى چاقماق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ قورۇسىدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە دائىر قامۇس ۋە باشقا مەنبەلەردىن تاللانغان 32 خىل ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنى نامايەن قىلىندى. تەشكىللىگۈچىلەر بۇ 32 خىل ئويۇننى 60 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشقا ئالدىن ئۆگەتكەن بولۇپ، ئۇلار پائالىيەت كۈنى بۇ ئويۇنلارنى بالىلارغا ئۆگەتتى ۋە بىللە ئوينىدى. نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر رادىيومىز زىيارىتىدە قىلغان سۆزىدە، بۇ پائالىيەتنىڭ پەقەت بالىلارنىڭ كۆڭۈللۈك ئوينىشىنىلا مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى، بەلكى مۇھاجىرەتتە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئانا تىلى، مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكى بىلەن بولغان باغلىنىشىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى يوقىتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، چەت ئەللەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى «ئاسسىمىلياتسىيەگە قارشى كۈرەشنىڭ بىر قىسمى» دەپ تەسۋىرلىدى. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇساجان ئەر ئۆز ۋەتىنىدىن يىراقتا تۇغۇلغان ياكى ئۆسۈۋاتقان بۇ بالىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇشىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئۇلارنى ئۆز تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە قىممەت قاراشلىرى بىلەن باغلاشقا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ پائالىيەتتە بالىلار مەھەللە ئويۇنلىرىنى ئويناشتىن باشقا يەنە مىللىي كىيىم-كېچەك، ئېغىز ئەدەبىياتى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە ئەنئەنىۋى غىزا-تائام قاتارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئوخشىمىغان ئامىللىرى بىلەنمۇ تونۇشتى. بۇ پائالىيەت تۈركىيەدىكى بىر قىسىم غوللۇق ئاخبارات ۋاسىتىلرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، س ن ن تۈرك، ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى، ھۆرىيەت گېزىتى قاتارلىقلار بۇ پائالىيەت ھەققىدە مەخسۇس خەۋەرلەرنى ئىشلىدى. پاترىك پۇن: خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلغان توكيودا تۇرۇشلۇق ئىنسان ھەقلىرى تەتقىقاتچىسى ۋە ئەركىن ژۇرنالىست پاترىك پۇن (Patrick Poon) يېقىندا ”ئاسىيا كاتولىك ئىتتىپاقى خەۋەرلىرى“ ( (UCA Newsتورىدا ”خىتاي ’تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش‘نى ئۇيغۇرلارغا قانداق قاراتتى؟“ ناملىق يېڭى ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ماقالىدا 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى 25 يىللىق جەريان ئانالىز قىلىنىپ، ماقالىدە بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش شۇئارىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادى، مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىنى قانداق سىستېمىلىق يوقىتىشقا ئۇرۇنغانلىقى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش ”تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك“تىن ئىبارەت ”ئۈچ خىل كۈچ“كە قارشى تۇرۇش باھانىسىدا بىر قاتار قانۇن-نىزاملارنى يولغا قويغان. بولۇپمۇ 2015-يىلدىكى ”تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى“ ۋە يېقىندا يولغا قويۇلغان ”مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى“ ئارقىلىق، ئادەتتىكى دىنىي پائالىيەتلەر ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەر جىنايەتكە ئايلاندۇرۇلغان. مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان پروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ دېلوسى بېيجىڭنىڭ ئاتالمىش ”ئىتتىپاقلىق“ شۇئارى بىلەن ئەمەلىيەتتىكى باستۇرۇش سىياسىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ئېنىق ئىسپاتى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن. ماقالىدە بىر قاتار گۇۋاھچىلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنىڭ باياناتلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن. ”ئۇيغۇر ھەرىكىتى“ تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرىكتورى روشەن ئابباس ۋە ژۇرنالىست گۈلچېھرە خوجىلار ئۆز ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ھېچبىر جىنايەتىسىز ئەھۋالدا ”تېررورچىلار تىزىملىكى“گە كىرگۈزۈلۈپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان؛ پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقلىقلىرىنىڭ تېررورلۇق ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكىچىل ھۆكۈمرانلىققا قارشى ئىنكاس ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ تىلشۇناس ۋە يازغۇچى ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئايرىم جىنايى قىلمىشلارنى پۈتۈن بىر مىللەتكە ئارتىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن؛ شائىر ۋە تەتقىقاتچى ئەزىز ئىسا ئەلكۇن ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى يالقۇن ئۇلۇغيول خىتاينىڭ بۇ خىل باستۇرۇشلار ئارقىلىق ھەقىقىي ئىتتىپاقلىققا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، مەسىلىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە كىملىكى بىلەن ياشاش ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىلا يېشىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ماقالىنىڭ خۇلاسىسىدە پاترىك پۇن خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ ”بىخەتەرلىك“ ۋە ”ئىتتىپاقلىق“ باھانىسى بىلەن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە قارىتا جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى. ئەزەربەيجان قارا تىزىملىكتىكى خىتاي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تىرىشماقتا ئەزەربەيجان ئىقتىساد مىنىستىرلىقى 13-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، ئىقتىساد مىنىستىرى مىكايىل جابباروف (Mikayil Jabbarov) نىڭ شىنجاڭ جوڭخې (Xinjiang Joinworld) شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ما بىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئىككى تەرەپ ئاليۇمىن ۋە مېتاللورگىيە ساھەسىدە بىرلەشمە تۈرلەرنى يولغا قويۇش، سانائەت ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش، تېخنىكا ۋە كەسپىي تەجرىبە ئالماشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان. باياناتتا مەبلەغ سوممىسى تىلغا ئېلىنمىغان، شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىمۇ بىلدۈرۈلمىگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2024-يىلى نويابىردا شىنجاڭ جوڭخې شىركىتىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى بويىچە قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، بۇ شىركەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مىللەتلەرنىڭ ئەزالىرىنى «قوبۇل قىلىش، توشۇش، يۆتكەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش» قا قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىزچىل رەت قىلىپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىروگراممىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىدىن ئىبارەت، دەپ تەسۋىرلەپ كەلگەن، شۇنداقلا ئامېرىكانى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ خىتاي كارخانىلىرىنى بېسىش بىلەن ئەيىبلىگەن. ھازىرغىچە ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭ جوڭخې شىركىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن خەۋەردار ياكى ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا بۇ شىركەت بىلەن ھەمكارلىقنى ئويلاشقاندا مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك تەمىنلەش زەنجىرى بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان-بارمىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى. 11-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئەرەبچە كىتاب يەرمەنكىسىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى ئىستانبۇلنىڭ يېنىكاپى رايونىدىكى ياۋرو-ئاسىيا كۆرگەزمە ۋە سەنئەت مەركىزىدە 15-ئاۋغۇست باشلانغان 11-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئەرەبچە كىتاب يەرمەنكىسى 23-ئاۋغۇست ئاخىرلاشتى. يەرمەنكىگە 60 قا يېقىن دۆلەتتىن 300 دىن ئارتۇق نەشرىياتچى قاتناشتى. يەرمەنكىدە تۈركىستانىي كۇتۇپخانىسى مەخسۇس ئورۇن ئېلىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار 58 تۈرلۈك كىتابنى كۆرگەزمىگە قويدى. تۈركىستانىي كۇتۇپخانىسنىڭ مەسئۇلى ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇننىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرىشىچە، كۆرگەزمە جەريانىدا، كۆپلىگەن كىتابلار سېتىلغان ھەمدە بىر قىسىم كىتابلار زىيارەتچىلەرگە ھەدىيە قىلىنغان. يەرمەنكە جەريانىدا، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاساس قىلغان ئۈچ قېتىملىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى: يەرمەنكىنىڭ تۇنجى كۈنى كەچتىكى بىرىنجى سۆھبەت يىغىنىغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ساھىبخانلىق قىلدى. يىغىندا ئۇيغۇر ئۆلىمالار ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئىككىنچى سۆھبەت يىغىنى ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، شەرقىي تۈركىستان دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 21-ئاۋغۇست كەچتە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۈچىنجى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا بىر قىسىم ژۇرنالىستلار سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى تەكىتلىدى. ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى يەنە يەرمەنكە جەريانىدا كۆپلىگەن ئۆلىما، ئاكادېمىك ۋە ژۇرنالىستلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئاممىغا ئاڭلاتتى ھەمدە بىر قىسىم دىپلومات ۋە ئۆلىمالارغا خاتىرە ھەدىيەلىرى تەقدىم قىلدى. ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇننىڭ دېيىشىچە، تۈركىستانىي كۇتۇبخانىسى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئۇستاز رەھمىتۇللا تۈركىستانىينىڭ يىتەكچىلىكىدە سەئۇدىي ئەرەبىستاندا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئەرەپچە، ئىنگلىزچە، تۈركچە، ئۇيغۇرچە ۋە باشقا تىللاردىكى 30 مىڭدىن ئارتۇق كىتاب يىغىلغان. ئىككى يىل ئاۋال بۇ كۇتۇبخانا ئىستانبۇلغا يۆتكەپ كېلىنگەن. يېڭى كىتاب «شىنجاڭ تەرتىپى»دە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكى پاش قىلىندى ئاتاقلىق ئىنسان ھەقلىرى تەكشۈرگۈچىسى ۋە يازغۇچى ئىتان گۇتمان Ethan Gutmann نىڭ يېڭىدىن نەشر قىلىنغان «شىنجاڭ تەرتىپى» (The Xinjiang Procedure) ناملىق كىتابىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلاردا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىستېمىلىق زۇلۇملىرى ۋە سانائەت كۆلىمىدىكى مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىش جىنايىتىنى ئىنتايىن دەھشەتلىك پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كىتابتا ئېيتىلىشىچە، «شىنجاڭ تەرتىپى» دەپ ئاتالغان جەريان خىتاي ئوپېراتسىيە دوختۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ يۈرىكى يەنىلا سوقۇۋاتقان پېتى ئىچكى ئەزالىرىنى تىرىكلا كېسىپ ئېلىشىنى كۆرسىتىدىكەن. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 28 ياش ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى خەلقئارالىق «ئەزا ساياھەتچىلىرى» گە زاكاز بويىچە سېتىلىدىكەن. كىتابتىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بىر ياش ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان بولۇپ، ئاتالمىش «ھالال ئەزا» سودىسى ئارقىلىق ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى بايلارغا يۇقىرى باھادا سېتىلىدىكەن. ئىتان گۇتمان بۇ جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئېلېكترونلۇق نازارەت تورىدىن قېچىپ، گېرمانىيەدىن قازاقىستان چېگراسىغىچە ماشىنا ھەيدەپ بارغان ۋە ئۇ يەردە لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان گۇۋاھچىلارنى مەخپىي زىيارەت قىلغان. كىتابتا خىتاينىڭ 2015-يىلىدىن باشلاپ 12 ياشتىن يۇقىرى بارلىق ئۇيغۇرلارغا قاراتقان 10 مىليوندىن ئارتۇق قان ۋە DNA تەكشۈرۈشى ئەمەلىيەتتە بۇ چوڭ كۆلەملىك تىرىك ئەزا ئامبىرىنى قۇرۇشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى پاش قىلىنغان. كىتابتا بۇ سىستېمىلىق قىرغىنچىلىققا غەرب تېببىي ساھەسىنىڭ ياردەم بەرگەنلىكى، يۈزلەرچە خىتاي دوختۇرنىڭ ئامېرىكا تېببىي مەكتەپلىرىدە تەربىيەلەنگەنلىكى تەنقىد قىلىنغان. نۆۋەتتە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىشنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى» (Stop Forced Organ Harvesting Act) نى ماقۇللىغان بولۇپ، كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقىنى كۈتمەكتە.

Download options