US Agency for Global Media USAGM

News and Information from Around the World

← Back to Direct feed

شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقنىڭ 90 ياشقا كىرگەنلىكى تەبرىكلەندى

11 Sep 2026, 19:18 GMT By شۆھرەت ھوشۇر
Download metadata bundle
RFA logo
Article شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقنىڭ 90 ياشقا كىرگەنلىكى تەبرىكلەندى
ئۈمىدۋار شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئەپەندى.
Credit: شۆھرەت ھوشۇر

قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى، ھەر ساھەدىكى تونۇلغان شەخسلەر قاتناشتى. قاتناشقانلار ئارىسىدا جامائەت ئەربابى ۋە تەتقىقاتچى قەھرىمان غوجامبەردىمۇ بار بولۇپ، قاتناشقۇچىلار ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقنىڭ ھاياتى، ئىجادىيىتى ۋە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئورنى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى. دېيىلىشىچە، شائىرنىڭ ئىجادىيىتىدە ۋەتەن، ھىجرەت ۋە مىللىي تەقدىر، ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئىنسان قەدىر-قىممىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. شائىرنىڭ «يىگىرمە بىرىنچى ئەسىر، ئۇيغۇرىستان بولمايدۇ ئەسىر» دېگەن مىسرالار بىلەن باشلانغان «ئۇيغۇرىستان» ناملىق شېئىرى «يېڭى ھايات» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىچى-سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان. ئۇنىڭ «يولوچى» ناملىق ئەسىرىدە ئىككىنجى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى ئوبرازى يارىتىلغان. ئۇ يەنە ئۇيغۇر تارىخىدىكى رىزۋانگۈل، نۇزۇگۇم، ئىپارخان، مايىمخان قاتارلىق ئايال قەھرىمانلارغا بېغىشلاپ ئەسەرلەر يازغان. يەنە خاتىرىلىنىشىچە، جەڭگىۋارلىققا چاقىرىش ۋە مىللىي ئاڭنى ئويغىتىش، شائىر ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان يېزىقچىلىق يولىدۇر. ئابدۇغوپۇر قۇتلۇق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ھالىتىدە بولۇپ، يىللاردىن بېرى بۇ تەشكىلاتلارنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، خەلقئارا سەھنىلەردە ھەرىكەت قىلىۋاتقان پائالىيەتچىلەرگە ئىلھام-بەخش شېئىر ۋە دېكلاماتسىيەلىرى بىلەن مەدەت بېرىپ كەلمەكتە.